مۇھىم يۈ تۇرانە ئىمتىھان ۋە ئۇچرىشىشلارغا يولۇققاندا، چىشىمىزنىڭ ئەھۋالى بىز ئويلىغاندەك ياخشى بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن،چىش ئاسراش گۈزەللەشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى دوختۇر . Marc Lowenberg بىزگە 5 مىنۇتتىلا چىشنى تېز سۈرئەتتە ئاقارتقىلى بولىدىغان ئالتە خىل چارىنى سۆزلەپ بېرىدۇ:
1. ئاچچىقسۇ بىلەن چىش چوتكىلاش
ئالما ئاچچىقسۈيى بىلەن سۇدانى ئارىلاشتۇرۇپ، ئوماچ ھالەتكە ئەكىلىپ، چىش چوتكىلىسا شۇ ھامان ئۈنۈمى كۆرىلىدىكەن. ئاچچىقسۇ ۋە سۇدانىڭ نىسبىتىنى تەڭشەپ سۇيۇق ھالەتكە ئەكىلىپ، كۈندە چىشنى چايقاپ بەرسىمۇ چىشتىكى داغلارنى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدىكەن.
2.بىر دانە ئالما يېيىش:
ئالما يېيىش ئارقىلىق مېۋە ئېتىدىكى ئىنچىكە تالالار چىش ئارىسىدا چاينىلىپ، چىش ۋە ئېغىز بوشلۇقىدىكى مېكروپ ۋە يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا چىش سىرتىدىكى داغلارنىمۇ پاكىزلىغىلى بولىدۇ.
3. ئاپلېسىن پوستى بىلەن چىشنى سۈرتۈش ۋە يۇيۇش:
يېڭى سويۇلغان ئاپلېسىن پوستىنىڭ ئىچى تەرىپى بىلەن چىشنى سۈرتۈپ يۇغاندا، چىشنى ئاق ھەم پاكىزە قىلغىلى بولىدىكەن.
4. گىرىم قىلىش ئارقىلىق چىشنى نامايەن قىلىش:
بەزى قىزلار ئۇچرىشىشقا چىققاندا يۈزىگە ئاقارتىش مايلىرىنىزىيادە كۆپ سۈرتىۋېلىپ، چىشىنى سېرىق كۆرسۈتۈپ قويىدۇ. چىشنى پاكىز چوتكىلاپ يۈزگە تەبئىي رەڭدىكى داغ يوشۇرۇش گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندە، چىشنىڭ رەڭگىنى تېخىمۇ ئاق كۆرسەتكىلى بولىدىكەن.
5.مەخسۇس ئىشلەنگەن چىش گۈزەللەشتۈرۈش چىش پاستىسى ئىشلىتىش:
چىش دوختۇرلىرى ۋە تىببىي تەتقىقات ئورگانلىرى ئىشلەپچىقارغان چىش ئاقارتىش چىش پاستىلىرى، چىشىمىزنىڭ ئاق پاقىراق بولىشىغا شۇنداقلا ساغلام بولىشىغا ياردەم قىلالايدۇ. جياجېشى 3D ئىككى سائەت ئىچىدە چىش ئاقارتىش چىش پاستىسى (باھاسى : تەخمىنەن 200 يۈەن) ۋە Luster ماركىلىق چىش پاستىسى (تەخمىنەن 60 يۈەن)تەۋسىيە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
6. پېنسىلىن ئىشلەتكەندە، چىشنىڭ رەڭ ماتېرىيالى ئارقىلىق رەڭ ئۆزگۈرۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ:
قىزىل ھاراق، قەھۋە، شاكىلات ياكى لەۋ سۇرۇخ قاتارلىق بۇيۇملارنى ئىستىمال قىلغاندا ياكى ئىشلەتكەندە چىشنىڭ رەڭگىنى ئاسانلا ئۆزگەرتىۋىتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا چىشىڭىزغا بىر قەۋەت پېنسىلىن سۈرتۈش ئارقىلىق چىشىڭىزنىڭ ئاق ۋە پارقىراقلىقىنى ساقلاپ قالالايسىز!
![]() |
ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.
ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved