موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئېلبەگ دورجى رەئىس شى جىنپىڭ ئەر-ئايالغا سوۋغا قىلغان موڭغۇل ئېتى ئالتاي ۋە قۇلۇن 12-فېۋرال موڭغۇلىيە چېگرىسىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق پورتى ئېرېنخوت پورتىدا چېگرىدىن كىردى.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 21-ئاۋغۇستتىن 22-ئاۋغۇستقىچە موڭغۇلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى بويىچە زىيارەتتە بولغاندا، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئېلبەگ دورجى رەئىس شى جىنپىڭ ئەر-ئايالغا موڭغۇلىيە ئېتىدىن ئىككىنى سوۋغا قىلغانىدى. شى جىنپىڭ بۇ ئىككى ئاتقا ئالتاي ۋە قۇلۇن دەپ ئىسىم قويدى، بۇ جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ-سۇلىرى تۇتاش بولۇپ، ياخشى قوشنىلار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved