ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
جوڭشىن تورى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋىرى. ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە يېقىندا جەنۇبى ئافرىقىدا بىر ياشانغان ئايال ئېگىز بوشلۇقتىن پاراشوتتا سەكرەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۈز ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن بۇلۇپ بۇ ئىش مەزكۇر دۆلەتنى زىلزىلىگە كەلتۈردى.
خەۋەردە ئېيتىلىشچە بۇ يۈز ياشلىق ئايالنىڭ ئىسمى جورجىنا خاۋۇد بۇلۇپ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئەسلى 15-كۈنى ئىكەن. بىراق ئۇ 14-كۈنى پاراشوتتا سەكرەپ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشنى تاللىغان. چۈنكى 2007-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇ تۇنجى قېتىم پاراشوتتا سەكرەش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. شۇ يىلى ئۇ 92 ياشقا كىرگەن. بۇ قېتىمقى پاراشوتتا سەكرەش ئۇنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئېگىز بوشلۇقتىن سەكرىشى ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە بۇ ياشانغان ئايالنىڭ ھاياجانلىق ھەمدە ئۇنتۇلغۇسىز بىر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەر ئەگەر بۇ ئايال پاراشوتتا سەكرەپ پۇخادىن چىقمىغان بولسا ئۇلار يەنە شۇ يەر ۋاقتى 16-كۈنى ئۇنى سۇ ئاستىدا لەھەڭگە يېمەكلىك تاشلاپ بېرىش پائالىيىتىگە ئاپىرىدىكەن.
مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇرۇنلاشتۇرغۇچى ساياھەت كوپراتىپىنىڭ تۇۇشتۇرىشىچە ۋاقتى كەلگەندە جورجىنانى بىر بىخەتەر قەپەزنىڭ ئىچىگە قۇيۇپ بىر نەپەر كەسپىي سۇ ئاستى خىزمەتچىسى بىلەن دېڭىز ئاستىغا چۆكۈتۈپ گۆش ۋە بېلىق ئارقىلىق لەھەڭگە ئۇزۇقلۇق بىرىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved