سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ياپونىيە پارلامېنتنىڭ 47 -نۆۋەتلىك ئاۋام پالاتاسى سايلىمى شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى نامزاتلار تىزىملىكنى ئېلان قىلغان ئىدى .بۇ ياپونىيە چوڭ سايلىمىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .شۇ كۈنى ياپونىيە خوجىلىق ئىشلىرى ۋازارىتى مەركىزى باشقۇرۇش سايلام كومىتېتى بىلەن 47 شەھەر رايون ۋىلايەت ناھيىە باشقۇرۇش سايلام كومىتېتى ئايرىم ئايرىم ھالدا ياپونىيىدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە سىياسىي كوللېكتىپ يوللىغان نىسبەتلىك ۋەكىل رايونى نامزاتى ۋە كىشىلىك رايون نامزاتى تىزىملىكىنى قۇبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلدى .ھازىرقى مۇتلەق نامزاتلارنى قوشقاندا جەمئىي 1180 نامزات سايلامغا قاتنىشىشى مۇمكىن ،بۇ قېتىمقى ئاۋام پالاتاسى سايلىمىدا 475 پارلامىنېت ئورنى بارلىققا كېلىدۇ ،بۇ ئىلگىرىكىدىن بەش ئورۇن ئاز ،بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلىك سايلام ئورنىدىن 285 ئورۇن ،مەملىكەت بويىچە ئايرىلغان ئون بىر نىسبەتلىك ۋەكىل رايونىدىن 180 ئورۇن بارلىققا كېلىدۇ،سايلام بېلىتى 14- دېكابىر تاشلىنىدۇ .
ئىگىلىنىشىچە بۇ قېتىمقى سايلام جېڭىنىڭ فوكۇس نۇقتىسى ئابى ئىقتىساد ئىلمىي ،ھەربىي ئىشلار بىخەتەرلىكى ،يادرو ئېلېكتىر سىياسىتى ،ئابى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا يۈرگۈزۈلمىگەن .بۇنىڭدىن سىرت شەرقىي ياپونىيىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تېزلىتىش ياپونىيىنىڭ جۇڭگو ۋە كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشمۇ مۇھىم قارالما قىلىنغان .ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ لىدىرى شىنزۇ ئابى 3- دېكابىر فۇكۇشىما رايونى سوما شەھىرىدە ئۆزىگە بېلەت تارتتى ،بۇ شەرقىي ياپونىيىدىكى چوڭ يەر تەۋرەش ،دېڭىز تاشقىنى سەۋەبلىك فۇكۇ شىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يادرو ئېقىپ چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدە ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان شەھەر .
شىنزۇ ئابى مۇنداق دېدى :‹ مەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى ،سايلامدا غەلىبە قىلسام ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىمەن .ئىقتىسادنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە تىرىشىپ ياپونىيىنىى ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇش چىقىمەن .بۇ رايون شۇنداقلا ياپونىيىنىى دۇنيا گۈللىنىش مەركىزى ئورنىغا قايتۇرىمەن ›. ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى شۇ كۈنى فوكۇ شىما رايونىدىكى يەنە بىر شەھەردە ئۆزىگە بېلەت تارتتى .ئۇ مۇنداق دېدى :‹ سايلامنى ئالدىغا سۈرۈش ئابى ئىقتىساد ئىلمىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن .ئابى ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلگىنىگە ئىككى يىل بولدى ،بۇ ئىككى يىل ئىچىدە خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندىمۇ ؟بۇ مەسىلە بېلەت تاشلاش جەريانىدا مەلۇم بولىدۇ ›.
ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى سايلىمى كىشىلىك سايلام رايونى ۋە نىسبەتلىك ۋەكىللەر رايونىدىن تەشكىل تاپقان بۇلۇپ،كىشىلىك سايلام رايونىدا سايلىغۇچىلار نامزاتقا بىۋاستە بېلەت تاشلايدۇ ،كىمنىڭ بېلىىتى كۆپ بولسا شۇ سايلىنىدۇ .نىسبەتلىك ۋەكىل رايونىدا بولسا سايلىغۇچىلار ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرگە بېلەت تاشلايدۇ ،بېلەت سانىنىڭ نىسبىتىگە ئاساسەن سىياسىي پارتىيىلەر ئارىسىدا پارلامىنىتتىن ئورۇن تەقسىم قىلىنىدۇ .شىنزۇ ئابى ئىستىمال بېجىنىڭ ئۆستۈرۈشنى توڭلىتىشنى باھانە قىلىپ 21- نويابىر ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىپ ئىككى يىل بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved