ئىراننىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى قايتىدىن گۈللىنىشكە باشلىدى

ئىران خەلقئارانىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغاندىن بۇيان ئىران ئىقتىسادى زور دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىدى. بولۇپمۇ ساياھەت كەسپى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، يېقىندا ئىرانغا كېلىدىغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىراننىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى قايتىدىن گۈللىنىشكە باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئىرانغا قارىتىلغان جازانىڭ بىكار قىلىنىش مۇمكىنچىلىكىمۇ زورايدى.
ئىران يولۇققان خەلقئارا جازانىڭ ئەڭ ئاخىردا بىكار قىلىنىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارغانسېرى چوڭايماقتا، ئىران يېڭى ھۆكۈمىتى دۆلەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ ئىراننى قايتىدىن خەلقئارا سەھنىگە ئىلىپ كىرىۋاتقان پەيتتە، ئىرانغا ساياھەتكە بېرىش بارغانسېرى كۆپلىگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ يېڭى تاللىشىغا ئايلاندى.


ساياھەت كەسپى نۆۋەتتە ئىراندا نېفىت كەسپىدىن سىرت ئېشىشى ئەڭ تېز بولغان كەسىپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئىران مەدەنىيەت مىراسلىرى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپى ۋە ساياھەت كەسپى تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىران نۆۋەتتە پۈتكۈل يەر شارىدا ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ئون چوڭ ساياھەت نىشانى دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا كىرگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى مەسئۇد، سولتاننىفا يېقىندا ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 2013-يىلدىن 2014-يىلغىچە ئىرانغا ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 4 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ساياھەت كىرىمى 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىشقا تۇرتكە بولدى. بۇ يىل 3-ئايدىن 9-ئايغىچە ئىرانغا ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35 كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپادىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى %200 دىن ئېشىپ كەتتى، سۇلتانىفا مۇنداق دېدى: ساياھەت تەشكىلاتى نۆۋەتتە ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىراندىكى بىر قىسىم ئەنئەنىۋى مۇھىم نۇقتىلىق ساياھەت شەھەرلىرى مەسىلەن تېھران، ئىسفاخان، شىرازا قاتارلىق تۆت رايونىدىكى تۆت ۋە بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىن زاكاز قىلىشى ۋە كىرىپ ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى بولغان، بىر قىسىم نۇقتىلىق شەھەرلەردىكى مېھمانخانىلار ھەتتا مۇددەتتىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بولۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.


نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخى، 17 ئورۇندىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئىران ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئىچكى ئامىلى بولغان. بىراق ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئىراننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى، بولۇپمۇ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدا يادرو پىلانى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار ۋە نىجات ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قاتتىق مەيدان قوللىنىشى سەۋەبىدىن ئىران بىر مەزگىل خەلقئارا سەھنىدە يىتىم قالدى، بۇنىڭ بىلەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان ساياھەتچىلىك كەسپىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، تەرەققىياتى ئاستا بولدى.

 

بىراق مۆتىدىل مەيداندا بولغان روخانى ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ھاكىمىيەت سەھنىسىگە چىققاندىن كىيىن، ئىران ئۆزىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى يىتىم قىلىش پوزىتسىيىسىنى پائال ئۆزگەرتتى ھەمدە پائال ۋە جانلىق پوزىتسىيە بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا باشلىدى.بىراق ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئىران- ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا تۇنجى باسقۇچلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كىيىن، ئىراننىڭ ئىچكى قىسمىدىلا ئەمەس، چەتئەللەرمۇ ئىشىكنى ئىرانغا قايتىدىن ئېچىۋەتتى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتكە كىرىشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىشغا باشلىدى.


بۇمۇ، ئىراننىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ بۇ يىل جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشدىكى مۇھىم سەۋەب بولدى. سۇلتانىفا مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ساياھەت كەسپىنى ئىران ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم يېتەكچى دەپ قاراپلا قالماستىن، يەنە چەتئەللەرگە ئىراننىڭ ئوبرازىنى قايتىدىن نامايان قىلدى. مۇشۇ ئاساستا، ئىران ھۆكۈمىتى ۋىزا بېجىرىش قائىدىلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى ۋە قويۇۋەتتى ھەمدە چەتئەل ئەلچىخانىلىرىنىڭ چەتئەللىك مېھمانلارغا بولۇپمۇ ئۆمەكتىكى ساياھەتچىلەرگە ۋىزا بېجىرگەندە، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بىر ھەپتە ئىچىدە ئورۇنداپ بولدى، بۇندىن ئىلگىرى ئىرانغا ساياھەتكە بېرىش ۋىزىسىنى بېجىرىشكە ئەڭ تېز بولغاندىمۇ بىر ئاي ۋاقىت كېتەتتى.


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران ھۆكۈمىتىمۇ ساياھەت ئەسلىھەلىرى بىلەن مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا تۈرتكە بولۇشقا باشلىدى. ئىران ھۆكۈمىتى 2025-يىلى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى 20 مىليوندىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا، بۇ ئىراننىڭ تېخىمۇ كۆپ مېھمانخانا بولۇپمۇ تۆت ۋە بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارنى قۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئىران ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات فوندىدىن مەبلەغ سالغۇچىلارنى تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئالاقىدار ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈستىدە ئويلاشماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىماقتا ھەمدە ئىراننىڭ نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان ساياھەت ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشغا بارلىق كۈچى بىلەن ياردەم بەرمەكچى.

 

بىراق، ساياھەت كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشغا ئەگىشىپ، ئىراننىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىزچىل تۈردە كەمچىل بولۇپ كەلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەر ئوتتۇرغا چىقتى. ئىران ئۇزاق ۋاقىت خەلقئارانىڭ جازالىشىغا ۋە يىتىم قالدۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئىراننىڭ ساياھەتچىلىك ئەسلىھەلىرى ۋە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملىرىنىڭ سەۋىيەسىدە كۆرۈنەرلىك يېتەرسىزلىكلەر ساقلاندى. ئىراننىڭ مېھمانخانا ئەسلىھەلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن دۇنيانىڭ سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولۇپ، بىر قىسىم بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەسلىھەلىرى خەلقئارادىكى ئۈچ يۇلتۇزلۇق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن سەۋىيەگە يەتمەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراننىڭ ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملىرىنىڭ سەۋىيەسىمۇ تەكشى ئەمەس ئىكەن. مەسىلەن، ئىراننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىكى يوللار ياكى يول كۆرسىتىش بەلگىسى پارس يېزىقىدا يېرىلغان بولۇپ، ئىنگلىزچە يېزىلمىغان، مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيەسىدىكى پەرقلەرمۇ چوڭ بولۇپ، بىر قىسىم ساياھەتچىلەر بولۇپمۇ ئۆز ئالدىغا ساياھەتكە كەلگەنلەرگە كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.


يەنە بىر دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە شۇكى، ھازىر بارلىق كىشىلەر خەلقئارا جازانىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى خەلقئارا جازا ئىراننىڭ ساياھەت كەسپىگە سانجىلغان قوش بىسلىق خەنجەر بولغان. بىر تەرەپتىن، خەلقئارا جازا ئىران رىيالىنىڭ 2013-يىلى يەنە بىر قېتىم تېز سۈرئەتتە پاخالىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمالنىڭ تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردىن تېخىمۇ ئەرزان توختىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقئارا جازا بولۇپمۇ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە جازاسى، ئىراننى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرغان، بۇ بىلەن باشقا دۆلەتلەردە ئىشلىتىشكە بولىدىغان خەلقئارا بانكا كارتىسىنى ئىراندا ئىشلىتىشكە بولمىغانلىقتىن، ئىران پۇلى رىيالنىڭ يەنە بىر قېتىم پاخاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى شۇنداقلا چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە كۆپلىگەن ئاۋارىگەرچىلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى.


ئىران ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە، ئىراننىڭ ساياھەت كىرىمى پۈتكۈل يەر شارىدا 50 ئورۇندا تۇرۇدىغان بولۇپ، دۇنيا ساياھەت بازىرىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى%0.5كىمۇ يەتمەيدىكەن. چەتئەللىك ھەر بىر ساياھەتچىنىڭ ئىراندىكى ئىستېمال سوممىسىمۇ ئاران 1500 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. بىراق سۇلتانىفا ئىران ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىلا ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 80 يىلدا، ئىران ئاز ساندىكى تارىخى مىراس ۋە مەدەنىيەت مىراسىنى دۇنياغا ئايان قىلدى، كۆپلىگەن مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي ساياھەت مەنبىي سىرتقا ئايان قىلىنمىدى. مەن، ئىراننىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ دۇنيادا 1-دەرىجىلىك ساياھەت نىشانىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇمۇ نۆۋەتتە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى.



خەتكۈچلەر:
28-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek