ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، پۈتۈن ئامېرىكا ئەھلىنى تەلۋىلەرچە سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇرغان «Jin ball» لاتارىيەسىنىڭ مۇكاپات سوممىسى ئالدىنقى ھەپتە يەنە بىر قېتىم كۆپەيدى ۋە بىر مىليارد 400 مىليون دوللار (تەخمىنەن توققۇز مىليارد 100 مىليون يۈەن) گە ئۆستى. بۇ پۈتۈن دۇنيا لاتارىيە تارىخىدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ لاتارىيە سوممىسى يىغىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مۇكاپات سوممىسى يەنە داۋاملىق يۇقىرلايدۇ.
تېكساس شىتاتى لاتارىيە باياناتچىسى كېللىي كىرىپې (Kelly Cripe) مۇنداق دېدى:«بۇ دۇنيا تارىخىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان بىر قېتىملىق لاتارىيە مۇكاپات سوممىسى، باج تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، مۇكاپات چىققۇچىنىڭ قولىغا تېگىدىغان نەق پۇل سوممىسى 868 مىليون دوللار بولىدۇ».
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مۇكاپات چىقىش نىسبىتى بىرنىڭ 299 مىليون 200 مىڭدىن بىر بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى مۇكاپات ئېچىلىشتىن بۇرۇن، گۇرۇپپىلىغىلى بولىدىغان بارلىق سانلارنىڭ %75 ى سېتىلىپ بولغان. تېكساس شىتاتى لاتارىيە كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى گارىي گىرىف (Gary Grief)) مۇنداق دېدى، بۇ چارشەنبە كۈنى مۇكاپات ئېچىلىشتىن بۇرۇن، بەلكىم %80 ساننىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولۇشى مۇمكىن، سېتىلغان لاتارىيە بېلىتىنىڭ %95 ماشىنا تەرىپىدىن چىقىرىلغان سانلار بىرىكمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق لاتارىيە مۇكاپاتى پۈتۈن ئامېرىكا ئەھلىنى تەلۋىلەرچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇردى. شەنبە كۈنى ئېچىلغان مۇكاپات 32, 16, 19, 57, 34، ئالاھىدە نومۇر 13 بولغان ئىدى. ھازىر ئامېرىكىدىكى ئۇششاق-چوڭ، پىششىق-توڭنىڭ ھەممىسى شۇ بىر مىليارد 400 مىليون دوللارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قېلىشنى چۈشىدىمۇ تىلەپ يۈرىۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved