ئىران زوڭتۇڭى رۇھانى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئىراق ۋە باشقا جايدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا قارشى تۇرسا، ئىران ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ سۈنئىي مەزھىپى ئاسىي ئارمىيىسىگە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئويلىشىدۇ. ئۇ 12-ئىيۇن ئىران زوڭلىسى مالىك بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىغا مەدەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران بىلەن ئىراقنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى شىئە مەزھىپىگە تەۋە.مۆتىدىل رەھبەر دەپ قارالغان روھانى مۇنداق دېدى: ئىران ئىراققا خەلقئارا قانۇن رامكىسى ئىچىدە ياردەم بېرىدۇ، لېكىن ئىراق ھازىرغىچە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلمىدى. ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق لىۋاند ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى يېقىندا ئىراقتا زور كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغاپ، بىر قانچە شەھەرنى ئۇدا ئىشغال قىلدى، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تاقابىل تۇرالمىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ئىراق بىلەن سۇرىيىدە دۆلەت قۇرۇش.
ئامېرىكا ئىراقنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا مەدەت بەرسىمۇ،لېكىن ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن قوشۇننى مەشىقلەندۈرۈشنى كۈچەيتمىگەنلىكىدىن نارازى بولدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى مۇنداق دېدى: بىز ئىراقنىڭ ئامانلىق قوغداش قىسمى، ئارمىيىسىگە ياردەم بەردۇق؛ بىز ئۇلارنىڭ قەددىنى رۈسلىدۇق، ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردۇق. ھەقىقىي سۆزنى ئېيتساق، ئىراق بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتالمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراق ئارمىيىسىگە نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلدى، لېكىن ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئىراق ئارمىيىسى تاقابىل تۇرالماي بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەرگە زەربە بېرىشى كۈچلۈك بولمىدى دەپ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مەككايىن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت بىخەتەرلىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنى مۇراجەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: 2011-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈشى بىر سىياسىي قارار. ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ بۈگۈنكىدەك غالجىرلىشىشىنى پەيدا قىلغاندىن كېيىن، ئىشنى ياخشى قىلالمىغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئۆمىكى كوللېكتىپ ئىستېپا بېرىشى كېرەك. ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئاق ساراي ئىراق ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلمىدى دەپ ئەيىبلىدى .
ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش-ئالتە ئايدىن بۇيان، ئۆكتىچى قۇراللىق كۈچلەر ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىراقنىڭ غەربىنى كونترول قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى مەككايىنغا رەدىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: نەچچە مىڭ ئۇرۇش قىلمايدىغان قىسىم ئىراق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىنى توسالماي ھازىرقى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى دەپ قاراش ئەخمىقانىلىك. ئوباما ئالدىنقى ئامېرىكا زوڭتۇڭى كىچىك بوشنىڭ ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن كېڭەشكىنى بويىچە 2011-يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكا ئارمىيىسىنى چېكىندۈردى. تەنقىدچىلەر ئوباما ئىراق ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى دەپ قارىدى.
ئۇلار ئوبامانى ئىراق زوڭلىسى مالىكنى ئاز ساندىكى سۇننى مەزھىپى مۇسۇلمانلىرى بىلەن يارىشىشقا دەۋەت قىلمىدى، ئىراقنىڭ قوشنىسى سۇرىيىدىكى مۆتىدىللەرنى تېخىمۇ كۆپ قوللىمىدى، بۇنىڭ بىلەن ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئىراققا ھۇجۇم قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.ئوباما 13-ئىيۇن ئاق سارايدا ئىراق ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆز قىلىپ، 2011-يىلى ئىراقتىكى بارلىق ئامېرىكا ئارمىيىسىنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن، بىز ئىراقتا ئۇرۇش قىلىشقا ئارمىيە ئەۋەتمەيمىز. ئىراق ھۆكۈمىتى بەلگىلىك شەرتنى قاندۇرسا، ئامېرىكا ئاندىن ئىراققا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved