شىنجاڭنىڭ چەت ئەل پۇلى قەرز قالدۇقى 1 تىرىليون 309 مىليارد 720 مىليون يۈەنگە يەتتى

ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئايلىنىشىدىكى يارقىن نۇقتىلار توغرىسىدا يەشمە

  6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ چەت ئەل پۇلى قەرز قالدۇقى 1 تىرىليون 309 مىليارد 720 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىل بېشىدىكىدىن 85 مىليارد 170 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15.6% ئېشىپ، مەملىكەتنىڭكىدىن 3.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.
  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى مەركىزىي تارمىقى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى ئېشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، خىزمەتتە ئەمەلىي، قاتتىق بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 20 جەھەتتىكى 50 ماددىلىق تەدبىرى بىلەن بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ، «ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تۈزۈپ، 11 جەھەتتىن 38 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
  ھازىر تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. قەرز پۇل سوممىسى مۇقىم ئېشىپ، قەرز پۇل قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز سەرخىللىشىپ، مۇھىم نۇقتىلار تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، سىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە خەلق بانكىسىنىڭ تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇقى 1 تىرىليون 251 مىليارد 340 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 16.2 ئاشتى.
  ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدە قەرز سالمىقى زورايدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ بانكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئۇل ئەسلىھە ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە قەرز بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردى. ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ۋە سۇ ئىشلەپچىقىرىش - تەمىنلەش كەسپى، قاتناش - تىرانسپورت، زاپاس ساقلاش ۋە پوچتا ئىشلىرى، سۇ ئىنشائاتى ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا بېرىلگەن قەرز پۇل يىل بېشىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 15 مىليارد 640 مىليون يۈەن، 8 مىليارد 900 مىليون يۈەن ۋە 5 مىليارد 300 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.7، %19.1 ۋە %12.1 ئاشتى.
  يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار قەرز پۇل مۇقىم كۆپەيدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، بانكا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يېزىلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش كەسپىنى پائال قانات يايدۇردى، 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار قەرز پۇل قالدۇقى 584 مىليارد 410 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىل بېشىدىكىدىن 35 مىليارد 280 مىليون يۈەن ئاشتى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7 مىليارد 970 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %17.6 ئېشىپ، تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن ئىككى پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى.
  ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىلگەن قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزرەك بولدى. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 426 مىليارد 390 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىل بېشىدىكىدىن 7 مىليارد 170 مىليون يۈەن ئاشتى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 كۆپىيىپ، 3.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى.
  شەرقىي شىنجاڭ رايونىدا قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى باشقا رايونلارنىڭكىدىن تېز بولدى. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق شەرقىي شىنجاڭ رايونىدا تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇقى 56 مىليارد 970 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.9 كۆپىيىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 9.3 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 129 مىليارد 310 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىل بېشىدىكىدىن 3 مىليارد 470 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 مىليارد 720 مىليون يۈەن ئاشتى.
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈم سەۋىيەسى سىجىل چۈشۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىدى. پۇل مۇئامىلىنى ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يېڭىدىن تارقاتقان قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمى 2 - پەسىلدىن باشلاپ تەدرىجىي تۆۋەنلىدى، 6 - ئايدا ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى%6.25لىك تارىخىي نۇقتىدىنمۇ تۆۋەن بولدى. مەملىكەت بويىچە سودا بانكىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى 5 - ئايدا تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەپ، %6 دائىرىسىدە بولدى، 6 - ئايدا ھالقىسىمان تۆۋەنلەش نىسبىتى 0.13 پىرسەنت پوئېنتقا يەتتى.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 25 كارخانا بانكىلار ئارا زايوم بازىرىدا 47 مىليارد 500 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى جەمئىي 46 مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەھسۇلاتىنى رويخەتكە ئالدۇرغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.2 ئاشتى. بولۇپمۇ تۇنجى قېتىملىق ئادەتتىن تاشقىرى قىسقا مۇددەتلىك يەككە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش زايومى ۋە تۇنجى قېتىملىق ئوتتۇرا مەزگىللىك زايومنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزاق مۇددەتلىك يەككە زايومنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقىتىلىشى شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭى سىنىقىدۇر. شىنجاڭ بانكىلار ئارا زايوم بازىرىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن تۈرلۈك قەرز پۇلدا ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.1 پىرسەنت پوئېنت كۆپىيىپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى سىجىل ئاشتى.



19-08-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
Business Insider تورىنىڭ 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: Business Insider ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە سانلىق مەلۇمات شىركىتى Equilar تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى كەسپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىج...
26-05-2016
خېشۈن تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 26- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1229.20 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن...
26-05-2016
    كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ تەرەققىياتى كۆپلىگەن بانكىلارغا پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن، بانكا كەسپى يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك ئورۇندا، بانكا كىرىم جەھەتتىمۇ دائىم پايدا ئېلىپ تۇرىدۇ، ئەڭ يېڭى ئۆلچەملىك پۇر بانكىل...
26-05-2016
    ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېقىندا «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنى مەلۇم قىلىش مۇكاپاتلاش لايىھەسى» نى چىقارغان بولۇپ، مەلۇم قىلغان يىپ ئۇچىغا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.    ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، تىنچ ئوكيان مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتى (PIMCO) گۇرۇھ مەبلىغى باش نازارەتچىسى Dan Ivascyn نىڭ چارشەنبە كۈنى دېيىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 6-ئايدا ئۆس...
25-05-2016
     2016-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇچۇرى: سەنشى شىيەنياڭ، ئاۋىستىرالىيىدىن بويىن 747 ئايروپىلانىغا «ئولتۇرۇپ» شەندۇڭ ۋېيفاڭ چېگرىدىن كىرىپ-چىقىش كارانتىن قىلىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى كارانتىن پونكىتىغا ئېلىپ كېلىنگەن 1500 د...
25-05-2016
خېشۈن تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ ھەپتىدىن بۇيان نەق ئالتۇننىڭ باھاسى تېز چۈشتى، تۈنۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 10 دوللارغا يېقىن چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1244 دوللارغا چ...
25-05-2016
خېشۈن تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     13- قېتىملىق ھاسىلى مەھسۇلات بازىرى مۇنبىرى 5- ئاينىڭ 25- ۋە 26- كۈنلىرى شاڭخەيدە ئېچىلىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە شاڭخەي قەرەللىك مال بازىرى چىقىش نۇقتى...
25-05-2016
    سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن بازىرى داۋاملىق چۈشۈپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى ئۈچ ھەپتە ئىچىدىكى تۆۋەن نۇقتىغا يېقىنلاشتى، ئالتۇن باھاسى يەنىلا 1250 دوللارنىڭ تۆۋەنكى نۇقتىلاردا تەۋرەندى.     دوللارنىڭ ...
25-05-2016
    مۇخبىرنىڭ جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، سودا-سانائەت بانكىسى پاكىستان تارمىقىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك، قەرز ۋە ساپ پايدىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2011-يىلى تىجارەت باشلىدىغاندىكىدىن %1931، %1833 ۋ...
Powered by Leglek