ئەنگىلىيىدە خوتۇن ھاپاش قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى



تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .شۇ جاي ۋاقتى 8-مارت ئەنگىلىيىدە ئۆزگىچە بىر خىل خوتۇن ھاپاش قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بۇلۇپ ،لوندوندا تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان بىر جۈپ ئامېرىكىلىق ئەر خوتۇن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن .


دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا خىلمۇ خىل شەكىلدىكى خوتۇننى ھاپاش قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ .بۇنىڭ ئىچىدە فىنلاندىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە ئەڭ داڭلىق .ئېيتىلىشىچە خوتۇننى ھاپاش قىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەنئەنىسى فىنلاندىيىدە بارلىققا كەلگەن .رىۋايەتلەردە دېيىلىشىچە ئىلگىرى قاراقچىلار ئاياللارنى مەجبۇرىي بۇلاپ كېتىدىكەن ،شۇڭا ئەر قاراقچىلار كېلىشتىن بۇرۇن چوقۇم خوتۇننى ھاپاش قىلىپ قېچىپ كېتىشى كېرەك ئىكەن .ھازىر خوتۇننى ھاپاش قىلىش مۇسابىقىسى خەلقئارادىكى بىر تۈرلۈك قىزىقارلىق مۇسابىقىگە ئايلاندى .
شۇ جاي ۋاقتى 8-مارت ئەنگلىيىدىكى خوتۇننى ھاپاش قىلىش مۇسابىقىسى مىدلاسنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سۇرىي ۋىلايىتىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولغان بىر كىچىك شەھەر بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇلۇپ ،مۇسابىقىگە ئەنگىلىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەر ئاياللار ،ئەنگىلىيىدە ياشاپ كېلىۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشسا بولىدىكەن .ھاپاش قىلىندىغان بىر تەرەپنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئەڭ يېنىك بولغاندىمۇ 50 كىلوگرامغا يېتىشى كېرەك ئىكەن .ناۋادا بۇ تەلەپكە توشمىسا ئەر خوتۇننى ھاپاش قىلىشتىن سىرت يەنە بىر خالتا نەرسىدىن يۈدۈپ كەم قالغان ئېغىرلىقنى تۇلۇقلايدىكەن .

بىر جۈپ ماھىرلار ھەقىقىي ئەر خوتۇنلار بولمىسمۇ بولىدىكەن .ئايالى ئەرنى كۆتۈرسىمۇ بولىدىكەن .بۇ يىلقى مۇسابىقىدە ،بۇ ئەرلەرنىڭ ئەرنى ھاپاش قىلىش گۇرۇپپىسى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى .مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 380 مېتىر بۇلۇپ مۇسابىقە يولىغا چۆپ دۆۋىسى ،سۇ پۈركۈش رايونى قاتارلىق توسالغۇلار تەسىس قىلىنغا .ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل مۇساپىنى يۈگۈرۈپ تاماملىغانلار مۇسابىقىدە غەلىبە قازىنىدىكەن .

مۇسابىقە ئاڭلىماققا ئاساندەك بولسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە ئىككى كىشىنىڭ زىچ ماسلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم ئاساس ،خوتۇنى ئەڭ ياخشىسى ئېرىنىڭ دۈمبىسىگە مەھكەم چاپلىشىپ تۇرۇشى كېرەك .ئېرىنىڭ ئىككى قولى ئازاد بولغاندا بار ئۈچى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ يۈگۈرەلەيدۇ .
كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ مېلۋاۋكې شەھىرىدىن كېلىپ لوندوندا خىزمەت قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرۋاتقىنىغا ئالتە يىلىدىن ئاشقان سشۋوچېر ئار خوتۇن ئىككى مىنوت ئۈچ دەقىقىلىق ئەلا نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن .ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەر خوتۇن ئىككەيلەن پۇرسەت تاپسىلا تىرىشىپ مەشىق قىلغان .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالى ۋىجىك ئۇرۇق ئىكەن.ئېرى بولسا تېتىك ھەم بەستىلىك كەلگەن ئىكەن .ئۇلا ريەنە ئەنگلىيىگە ۋاكالىتەن بۇ يىلنىڭ ئاخىرى فىنلاندىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا خوتۇننى ھاپاش قىلىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن .


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK



خەتكۈچلەر:
12-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
05-02-2016
        ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
05-02-2016
      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
Powered by Leglek