يەر شارى تورى 3- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيە گېزىت خەۋەرلىرى تورىنىڭ 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئەھمەد ئەسىل مۇنداق دېگەن: سۇرىيەدە يەر يۈزى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى سىياسى قاتلامدا ھەل قىلىندى، ئەمما ھەربىي قاتلامدىكى مەسىلىلەر تېخى مۇنازىرە قىلىنمىدى.
ئەسىل مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاققا ئەزا بولغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىريۇسسىلدا سۇرىيەدە يەر يۈزى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسى قاتلام قارارىنى ماقۇللىدى. ئەمما ھازىرغا قەدەر ھەربىي قاتلامدىكى خىزمەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى باشلانمىدى. ناۋادا بىز تەييار لايىھەگە ئېرشسەك، بىز شۇ لايىھە بۇيىچە ھەرىكەت قىلىمىز.
ئەسىل بۇندىن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تېررورلۇققا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقتىكى ھەر قايسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بريۇسسىلدا سۇرىيەدە يەر يۈزى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى لايىھەسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved