چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارغا تۆردىن ئورۇن بېرەيلى

       ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىن ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلار 4000 دىن ئاشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 3500 دەك ئادەم ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئىشلەۋېتىپتۇ. ھازىر ھەر يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلار 3000 دىن ئاشىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشقان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇنەۋۋەر خادىملار ھەر قايسى ساھەلەردىكى باشلامچىلار، تەتقىقات تۈر مەسئۇللىرى ۋە يېتەكچى كۈچلەردىن بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان بەزى مەسىلىلەر ساقلانغان. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار ‹‹دوكلات››نى مۇزاكىرە قىلغاندا، بۇ مەسىلە توغرىسىدا بىر قاتار تەكلىپ، پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

        ئەزا پاتەم بارات، پەرھات ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش جەھەتتىكى سىياسەت تەدبىرلىرىنى تازا مۇكەممەل دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئىككىنچىدىن، چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قالالماسلىق مەسىلىسى يەنىلا بىر قەدىر ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارغا قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت مۇھىتى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىشتا يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ۋە يېتىشتۈرۈشكە سەل قارىلىۋاتىدۇ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش يېتەرسىز بولۇۋاتىدۇ. تۆتىنچىدىن، چەت ئەلدە ئوقۇپ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ كەسپىي جەھەتتىن پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى كەمچىل بولۇۋاتىدۇ.

ئۇنداقتا، چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى قانداق قىلغاندا يەنىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟

ئەزا پاتەم بارات بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق تەكلىپ بەردى:

بىرىنچىدىن، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چەت ئەلدە ئوقۇغان ئىختىساسلىقلارنى تۈركۈملەپ قوبۇل قىلىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، چۈنكى، شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ھەر ساھە، ھەر كەسىپ بويىچە ئىدىيەسى ئىلغار، تەپەككۇر يولى ئېنىق، تەتقىقات تىپىدىكى ئىختىساسلىق خادىملارغا موھتاج بولىدۇ. شۇڭا، ئاپتونوم رايون ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلىشىگە مەدەت بېرىشى ۋە ئۇلارنى جەلپ قىلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ، پەن – تەتقىقات خىراجىتى، تۇرالغۇ تولۇقلىمىسى ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بولۇپمۇ، ئۇنۋان باھالاش، مائاش تەمىناتىنى بېكىتىش، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى تەقسىم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەرگە مايىل بولۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، چەت ئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. بەشىنچىدىن، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئۇلارغا ھەر قايسى جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك.



خەتكۈچلەر:
13-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-01-2016
        مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگەللىشىچە، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىشىگە پەن تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بېرىش مەقسىتىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادمىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى يېزا ئىگ...
21-01-2016
       مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىسمەن ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:...
20-01-2016
     مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىكى 19 ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە جەمئىي 66 كەسىپ كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسىپ ئەڭ ك...
18-01-2016
     تۇرسۇن ھۇشۇر ئائىلە قىرائەتخانىسدا كىتابلارنى رەتلىمەكتە    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيە ياتۇر يېزا مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى تۇرسۇن ھوشۇر 2009-ي...
18-01-2016
    2016-يىلى 13-يانۋار سائەت 15:00 ئەتراپىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋېيياڭ شۆبىسى دامىڭگۇڭ ساقچىخانىسى چارلاش ساقچىلىرى تەۋەلىكىنى چارلاش جەريانىدا بىر قارا رەڭلىك دالا ئاپتوموبىلىنىڭ سىگنال سىمىنى چىقىرىپ قويغانلىقىنى، ماشىنىدى...
18-01-2016
       كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، كورىيە مائارىپ گۈللەندۈرۈش ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر ئىلمىي ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، چاۋشىيەندىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋ...
15-01-2016
        خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي مائارىپ ۋە تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى كىرىسسي خانىم 14-يانۋار كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ۋە ئاۋات يېزا مەركىز...
15-01-2016
      خېجىڭ ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن خېجىڭ ناھىيەلىك «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى» ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىشلىق تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 14-يانۋار «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى»دا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائال...
15-01-2016
      13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئالتە كۈن قالغاندا، تەڭرىتاغ تورىنىڭ مېھىرلىك پىدائىيلارغا ئەزا توپلاش پائالىيىتى قىزغىنلىق بىلەن داۋاملاشتى. تەڭرىتاغ تورى كۆپچىلىكنى مېھىرلىك پىدائىيلار ئەتر...
14-01-2016
            12-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپل...
Powered by Leglek