ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنى داۋاملىق جازالاشتا دېلىغۇل بولدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنى ئىقتىسادىي جەھەتتە جازالاش مۇددىتى بۇ يىل 7 – ئايدا توشىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنى جازالاشتا قايسى يولنى تاللىشى يېقىندىن بۇيان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. 19 – مارت بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەتىيازلىق باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازانى ئۇزارتىش – ئۇزارتماسلىق مەسىلىسىنى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى قارار قىلدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنى داۋاملىق جازالاشقا ئىمكانىيەت قالدۇرغان بولسىمۇ، جازا مۇددىتىنى ئۇزارتىش قارارىنى بىۋاسىتە چىقارمىدى، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى دېلىغۇللۇقنى ئەكس ئەتتۈردى. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونلىرىدا كىچىك توقۇنۇشلار ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر تەرەپتىن، رۇسىيەگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشنى ئويلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا – رۇسىيە مۇناسىۋىتىدىكى ‹‹جىددىي ۋەزىيەت›› ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
كېلىشتۈرۈش لايىھەسى
باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن، رۇسىيەگە قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا قىسمەن دۆلەتلەر جازا مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلدى؛ پوزىتسىيەسى نىسبەتەن يۇمشاق قىسمەن ئەزا دۆلەتلەر بولسا، 6 – ئايدىكى يازلىق باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا قارار چىقىرىشنى ئۈمىد قىلدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا چىقىرىلغان ئەڭ ئاخىرقى لايىھەنى ئەمەلىيەتتە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ئوللاند ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ئېغىر ئەھۋالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹كېلىشتۈرۈش›› لايىھەسىدۇر.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىدە بىر قەدەر ئۇزاق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋاقتى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇكرائىنانىڭ ئۆز چېگراسىنى تولۇق تىزگىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇددىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ قارارى ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي جازانىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسك: ئۇكرائىنانى قوللاشتىكى ئەڭ ياخشى چارىلەرنىڭ بىرى يېڭى مىنىسكى كېلىشىمى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلگىچە رۇسىيەگە بولغان جازا بېسىمىنى ساقلاشتۇر. ئۇكرائىنا ئەڭ ئاخىرىدا چېگرانى قايتا تىزگىنلىشى كېرەك، دېدى.
ئۈچ چوڭ سەپ
ئىلگىرى ئاقىللار ئامبىرى ‹‹ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى›› نىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى بولغان ئوكوننېل مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمى رۇسىيەنى جازالاش مەسىلىسىدە ئۈچ چوڭ سەپكە بۆلۈنىدۇ: كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلاردىن پولشا، بالتىق دېڭىزى دۆلىتى، ئەنگلىيە قاتارلىقلار بار؛ پوزىتسىيەسى بىر قەدەر يۇمشاق دۆلەتلەردىن ئاۋسترىيە، يۇنان، سىپرۇس ۋە ئىتالىيە قاتارلىقلار بار؛ ئىرېلاندىيە قاتارلىق كۆلىمى كىچىك، رۇسىيەدىن يىراقراق بولغان دۆلەتلەر ‹‹ئوتتۇرا يول›› تۇتۇپ، سۆھبەتلىشىش بىلەن بېسىم ئىشلىتىشنى تەڭ قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى ئىختىلاپلار ئاساسلىقى ئىقتىسادنى نەزەردە تۇتۇشتىن بولغان. ئاۋسترىيەنى مىسالغا ئالساق، ئاۋسترىيەنىڭ %70 تەبىئىي گازى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدۇ، ۋېنگىرىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىمۇ بىرقەدەر قويۇق.
ئىككى تەرەپتىن تەڭ باشقۇرۇش
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى چۇلز بۇ قېتىمقى ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا داۋاملىق ئىككى تەرەپتىن تەڭ باشقۇرىدۇ، يەنى جازا ئارقىلىق رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىش بىلەن بىللە، ئۇكرائىنانى قوللاش سالمىقىنىمۇ ئاشۇرىدۇ.
ئۇ: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جازالاش رۇسىيەنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىشتىكى كۈچلۈك ۋاسىتە. ھازىر جازانى جەزمەن ساقلاپ قېلىش كېرەك، دېدى.
چۇلز يەنە مۇنداق دېدى: ياۋروپا پارلامېنتى ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى – ئۇكرائىنا ئالاقە دۆلەتلەر كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇكرائىنانىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇكرائىنانىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى بىلەن رۇسىيە – ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئوخشاشلا مۇھىم.
بىراق، جازا يۈرگۈزۈلسە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى تەمىناتى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، ئېكسپورت سودىسىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى يۈرگۈزگەن جازانىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسنى ھەل قىلىش – قىلالماسلىقىغا بىر نېمە دېيىش تەس، بىراق ياۋروپا كارخانىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغىنى ئەمەلىيەت.



خەتكۈچلەر:
02-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 26-ئاپرېل، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان.
27-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، 16 ياشلىق قىز ساۋاقدىشى بىلەن «يىگىت تالىشىپ» مەكتەپداشلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان، ئاخىرىدا ھاجەتخانىدا كۆپ ئادەمدىن تاياق يەپ جېنىدىن ئايرىلغان. ...
27-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، بىرازىلىيەدە 53 ياشلىق يۈك ماشىنىسى شوپۇرى 10 ياشلىق قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ھامىلدار قىلىپ قويغانلىقتىن قولغا ئېلىندى، ئۇ قولغا ئېلىنىپ تۈرم...
27-04-2016
 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋىرى: 2015-يىلى 11-ئايدا فىرانسىيە پارىژدا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 130 ئادەم قازا قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە كەلتۈرگەنىدى. فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى تۇنجى قېتىم ۋېدىئو...
27-04-2016
    تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان 26-ئاپرېل ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە خەلقئارا تېررورىزىمغا قاتتىق زەربە بېرىدىكەن ھەمدە دەرۋازىسىنى داۋاملىق ئېچىۋېتىپ سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىدىكەن. ئەردو...
27-04-2016
     ئوباما : پۇتىن ياۋروپادىكى ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى...... پۇتىندەك بۇنداق ئادەملەر ياۋروپادىكى كىچىككىنە مەسىلىدىن پايدىلىنىپ ياۋروپانى پارچىلىماقچى بولىۋاتىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 25- ئاپرېل پۇتىنن...
27-04-2016
    سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قىسىمىنىڭ 25- ئاپرېل ئاشكارلىشىچە، يەمەندىكى ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان قوراللىقلار بىلەن كۆپ دۆلەت قىسىمى يېقىندا بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ھەزەرموت ئۆل...
27-04-2016
    4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كوننېكتىكات شتاتى، مارىلاند شتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى ۋە  رودې ئارىلى شىتاتىدا دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق زۇڭتۇڭ سايل...
27-04-2016
4- ئاينىڭ 25- كۈنى مىسىر ۋە سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ ئازادلىق كۈنى. مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى شۇ كۈنى مۇبارەك نەزەربەند قىلىنغان ھەربىي ئىشلار دوختۇرخانىسى ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزدى. مۇبارەكمۇ ئۇ تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ دەرىس...
27-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئەنگىلىيە، ئىش ھەققى ۋە خىزمەت ۋاقتى مەسىلىسىگە نارازى بولغانلىقتىن، ھەرقايسى جايلاردىكى فېلدشېرلار (دەسلەپكى دەرىجىدىكى دوختۇر) ئىش تاشلاپ نامايىش قىلغان. 26-ئاپرېل ئەنگلىيەدىكى دوختۇ...
Powered by Leglek