گېرمانىيە ساقچى تەرەپ كروندا يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئارقىلىق مۇساپىرلارغا قارشى تۇرىدىغان بىر قىسىم نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇۋەتتى.
«مەركەز ئاگېنتلىقى» خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل 9 – چىسلا ئۆزىنىڭ «جىنايىتى بار» دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان مۇساپىر جىنايەتچىلەرنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش بەلگىلىمىسىنى قوللايدىغانلىقىنى، جازا مۇددىتى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان مۇساپىرلارنىڭمۇ چوقۇم گېرمانىيە چېگرىسىدىن ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
مېركىل مۇنداق دېدى: «ناۋادا مۇساپىرلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، چوقۇم جازالىنىشى كېرەك. دېمەك مەيلى جازا مۇددىتى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنسۇن ياكى قاماقتا ياتسۇن، ئۇلار ئەمدى گېرمانىيەدە تۇرۇش ھوقۇقىغا ئۆمۈرۋايەت ئېرىشەلمەيدۇ».
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر قانۇندىكى بەلگىلىمە يېتەرسىز بولسا، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە بولىدۇ، بەلگىلىمىنى ئۆزگەرتىش گېرمانىيە پۇقرالىرىغىلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن بەلكى چېگرا ئىچىدىكى مۇساپىرلارغىمۇ پايدىلىق».
2016 – يىلنى كۈتۈۋېلىش ھارپا ئاخشىمى، كرون شەھىرىدە چوڭ كۆلەملىك پاراكەندىچىلىك ۋە بۇلاڭچىلىق دېلوسى يۈز بېرىپ، گېرمانىيەنى ھەيران قالدۇردى. خەۋەرگە قارىغاندا، شۇ كېچىسى تەخمىنەن 1000 دەك ئەر مەزكۇر شەھەرنىڭ پويىز ۋوگزالى ئالدىدىكى مەيدانغا توپلىشىپ ھاراق ئىچىپ جېدەل تېرىغان، ساقچى تەرەپ ھازىرغا قەدەر 300 دىن ئارتۇق مۇناسىۋەتلىك دېلو مەلۇماتى تاپشۇرۇپ ئالغان. گۇۋاھچى، ساقچى تەرەپ ۋە تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دېلوغا چېتىشلىق نۇرغۇن كىشىلەر ئەرەب ياكى شىمالىي ئافرىقا ئەللىرىدىن كەلگەن ئىكەن.
9 – چىسلا، كروندا يەنە مۇساپىرلارغا قارشى نامايىش بولغان، ساقچى تەرەپ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ بىلەن نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەن، نامايىشچىلار ساقچىلارغا قارىتىپ ساليوت قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېتىشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved