شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئالى ھەربىي ئەمەلدارى- ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ ئالى قوماندانى قوشۇمچە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ياۋروپا قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى رىدىروف 26-نويابىر مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنا قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەمەلى ۋە ئومۇمىي پىلاننى بېكىتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئۇكرائىنا قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى باھالاپ، ياردەم بېرىشنىڭ تۈرلۈك ئېھتىماللىقىنى ئۈستەل ئۇستىگە قويدى. ئۇكرائىنا ئېغىر خىرىسقا يولۇقماقتا، ئامېرىكا بۇ مۇرەككەپ پەيتتە كىيېۋنى قوللىماقچى. نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت ئۇكرائىناغا ياردەم بەرمەكتە، ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى يېقىندىن ھەمكارلىشىدۇ.
پورشىنكو 24-نويابىر، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كېرىش كىرمەسلىكىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەل رايىنى تەكشۇرۇشدىن ئايان بولۇشىچە،%51 ئۇكرائىنا پۇقراسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كېرىشنى قۇۋۋەتلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved