كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەندىن كەلگەن خەن رۇيشى يېقىندا ئېلان قىلىنغان چاۋشيەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىسى «مودەن چوققىسى كۇلۇبى» غا قاتناشقان ھەمدە چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇننىڭ خانىمى رىسولجۇنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەن. خەن رۈيشى كورىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقىلى توققۇز يىل بولغان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى رىسولجۇ بىلەن بىرگە چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى سەنئەت ئۆمىكىدە بىرگە ئىشلىگەن.
خەن رۈيشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رىسولجۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خەن رۈيشى تۇرۇشلۇق چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى سەنئەت ئۆمىكىگە كىرگەن. خەنرۇيشى مۇنداق دېدى: سىرتقى ساھەدىكىلەر رىسولجۇنى چاۋشيەننىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى چوڭجىندا تۇغۇلغان دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ پىيۇڭياڭ شەھىرىنىڭ لىپۇ رايونىدا تۇرىدۇ، دادىسى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: رىسولجۇنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى تېلىۋېزوردا چىققاندىمۇ بەكرەك چىرايلىق.
خەن رۈيشى يەنە مۇنداق دېدى: رىسولجۇ سامان يولى سەنئەت ئۆمكىدە تۇرغان چېغىدىلا كىم جۇڭئۇن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغان، كېيىن ئۇ كىم جۇڭئۇن بىلەن مۇھەببەتلىشىشىكە باشلىغان. ئارقىدىن يەنە تۇرمۇش ئادىتى، ناخشا ئېيتىش، تەقى-تۇرقى قاتارلىق تەرەپلەردىن قاتتىق سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، كىم جۇڭئۇننىڭ ئايالى بولۇشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ، دەپ باھالانغان، ھەمدە ئارقىدىن ئۇلار توي قىلغان.
خەن رۈيشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىم جۇڭئۇن سەنئەت ئۆمەكنىڭ چەتئەلگە ئويۇن قويۇش ئۈچۈن چىقىدىغانلىقىدەك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، رىسولجۇنى بىرگە ئېلىپ ئىتالىيەگە ساياھەتكە بارغان. سەنئەت ئۆمەكتىكىلەرمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە ئىتالىيەگە بېرىپ ئوينىۋالغانلىقىدىن غادىيىپ كېتىشكەن.
(رىسولجۇ)
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved