شىۋىتسيەنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى ئىبراھىموۋىچ دۆلەت كوماندىسىنى يېتەكلەپ دانىيە كوماندىسىنى يېڭىپ فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغا ياۋروپا لوڭقىسىغا كىرگەندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «دانىيە دۆلىتى مېنى پۇتبولدىن چېكىندۈرمەكچى بولغان بولغان ئىدى، نەتىجىدە مەن پۈتۈن دانىيە كوماندىسىنى چىكىندۈرۋەتتىم». ئەمەلىيەتتە بۇ ئىبراھىموۋىچنىڭ قىلغان تۇنجى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۆزى ئەمەس. ئەنگلىيەنىڭ «قۇياش گېزىتى» ئىبراھىموۋىچنىڭ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان 10 ئېغىز سۆزىنى رەتكە تىزىپ چىققان. ساۋاتسىز بۇ سۆزلەرنى نۇر ئەھلىگە سۇنماقچى.
1- ئۇنىڭغا مەن بولساملا بولدى.
ئىبراھىموۋىچنىڭ ئايالى ئىنتايىن بەختلىك ئايال. ھېچبولمىغاندا ئىبراھىموۋىچنىڭ نەزىرىدە ئۇ بەختلىك ئايال. ئىبراھىموۋىچتىن ئايالىغا قانداق تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى بېرىدىغانلىقىنى سورىغاندا ئىبراھىموۋىچ «ئۇنىڭغا ھېچقانداق تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى لازىم ئەمەس، ئۇنىڭغا مەن بولساملا كۇپايە» دەپ جاۋاب بەرگەن.
2- كالۇغا رەددىيە بېرىش
كالۇ ئىبراھىموۋىچنى كالانپاي دەپ مەسخىرە قىلغاندا ئىبراھىموۋىچ قىلچە ئاچچىقلانماستىن مۇخبىرلارنىڭ سورىغان بۇ ھەقتىكى سوئالىغا: «كالۇر پۇتبول ئارقىلىق ئورۇندىغان ھەرقانداق ھەرىكەتنى مەن ئاپېلسىن ئارقىلىق ئورۇندايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.
3- مەن بولمىغان دۇنيا لوڭقىسى قىزىمايدۇ.
2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە شىۋتسىيە كوماندىسى شاللىنىپ كەتكەندىن كەتكەندىن كېيىن ئىبراھىموۋىچ پەرۋا قىلمىغان ھالدا: «دۇنيا لوڭقىسىنىڭ مەززىسى قالمىدى، مەن بولمىغان دۇنيا لوڭقىسى قىززىمايدۇ» دېگەن.
4-گوئاردئوۋلانى ئەيىبلەش
بارسېلوناغا كەلگەندىن كېيىن گوئاردئوۋلانىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشكە ئېرىشەلمىگەن ئىبراھىموۋىچ ئۇنى ئەيىبلەپ :«ئۇ بىر فارارى ماشىنا سېتىۋېلىپ، فىياتنىڭ ئورنىدا ئىشىلىتىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.
5-ئۆزىنى رىۋايەت دەپ ئاتاش
بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىبراھىموۋىچ: «كىشىلەر دائىم بىر ئادەم ئۆلمەستىن بۇرۇن رىۋايەتكە ئايلىنالمايدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن مېنىڭ ھايات ياشىشىمنىڭ ئۆزى بىر رىۋايەت» دەپ جاۋاب بەرگەن.
6-مەن سىناق مەشىقىگە موھتاج ئەمەس
ئىبراھىموۋىچنى ئىلگىرى ئارسېنال كوماندىسى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ۋىنگېرنىڭ ئىبراھىموۋىچنى كوماندىنىڭ سىناق مەشىقىگە قاتنىشىش تەلىپى ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ رەت قىلىۋەتكەن، ئىبراھىموۋىچ ۋېنگىرغا: «زىلاتان ئەزەلدىن سىناق مەشىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپ ئۇنى رەت قىلىۋەتكەن.
7-ھىنچوزنى مازاق قىلىش
بىر قېتىملىق مۇسابىقىدىن كىين ئىبراھىموۋىچ لىۋىرپول بىكى ھىنچوزنى مازاق قىلىپ: «ئۇ مەن ئوڭغا بۇرۇلسام ئوڭغا بۇرۇلىدۇ، ماڭسام ماڭىدۇ، يۈگۈرسەم يۈگىرەيدۇ، سايىغا ئوخشاش ماڭا ئەگىشۋالدى، مەن يەنە بىر قېتىم ئوڭغا بۇرۇلۇپلا تۇيۇقسىز يۆنىلىش ئۆزگەرتكەن ئىدىم، ئۇ يۈگۈرگىنىچە كولباسا سېتىۋالغىلى كەتتى» دېگەن.
8-مەن ساياھەت قىلغىلى بارىمەن.
2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىن شاللىنىپ كەتكەندىن كېيىن مۇخبىرلار ئىبراھىموۋىچتىن قايسى كوماندىنى چېمپىيون بولىدۇ دەپ سورىغاندا ئىبراھىموۋىچ پىسەنتىگە ئالماي: «قايسى دۆلەت چېمپىيون بولسا بولمامدۇ، مەن ساياھەت قىلغىلى بارىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.
9-قانچە قېرىسام شۇنچە ياخشى
مۇخبىرلار ئىبراھىموۋىچتىن قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىغاندا ئۇ: «مەن خۇددى بىر بوتۇلكا ھاراققا ئوخشايمەن، قانچە كونىرىسام (قېرىسام دېمەكچى) شۇنچە ياخشى» دەپ جاۋاب بەرگەن.
10-گوئاردىئوۋلانى ۋە مورىنھو
ئىبراھىموۋىچ گوئاردىئوۋلا ۋە مورىنھونىڭ قول ئاستىدا پۇتبول تەپكەن. كىشىلەر ئۇنىڭدىن بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى سورىغاندا ئىبراھىموۋىچ :«ئۇ ئىككىسىنىڭ ئاسمان-زېمىن پەرقى بار. ئەگەر مورىنھونى بىر ئېغىز ئۆينى يورۇتتى دەپ قارىساق، گوئادىئوۋلا ئۆينىڭ پەردىسىنى چۈشۈرۈپ قويىدۇ، مېنىڭچە ئۇ مورىنھونى دورىماقچى» دەپ جاۋاب بەرگەن.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved