كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
28-08-2014
0
914
يازغۇچى: لەگلەك
thumb

جاڭ چۈنشيەن جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

 


شىنجاڭ–جېجياڭ يېزا ئىگىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى

 


ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 26 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ خۈيجۇڭ باشچىلىقىدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.


جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى يەنىمۇ تەكشۈرۈش ۋە ئىگىلەش، نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئېلىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنى يوقلاش ئۈچۈن، 23 – ئاۋغۇست شىنجاڭغا كەلگەن.


جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ بىلەن جېجياڭ بىر – بىرىنى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق ۋە ئەۋزەللىكلەردە بىر – بىرىنى تولۇقلاشنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشتى. جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭغا تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىشقا كېلىشى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئويناپلا قالماي، مەركەزنىڭ 2 – قېتىمىلىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قوللانغان ئەمەلىي ھەرىكىتىدۇر.


جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يەنىلا شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان نۇقتىلىق قىيىن مەسىلە. مەركەز شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپلەر تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللاپ كېلىۋاتىدۇ، جېجياڭ ئۆلكىسى بۇنىڭغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلاشتى، جېجياڭدىكى خېلى كۆپ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كارخانىسى شىنجاڭدا ماكانلىشىپ، تۈرتكىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى. شىنجاڭ بىلەن جېجياڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ ساقچى كۈچلىرىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپنى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. ئىككى جاينىڭ چۈشىنىش، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ۋاڭ خۈيجۇڭ مۇنداق دېدى: جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئەلنى مايىل قىلىش، ئەقىل كۈچى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت تەپەككۇرىنى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈردى. بىز جەزمەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تەڭشەپ ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، 13 – بەش يىللىق، يىرىك پىلانىنى تېزدىن تۈزۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ساقچى ئىشلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاپ، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان ئورۇننىڭ خېرىدار، مەبلەغ جەلپ قىلىشىغا يەنىمۇ ياخشى ماسلىشىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، شىنجاڭغا تۆھپە قوشۇپ، جېجياڭ ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرىمىز.


كۆرۈشۈشكە نۇر بەكرى، چې جۈن، خەن يۇڭ، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، چيەن جى، كۇڭ شىڭلۇڭ، ما شۆجۈن قاتارلىقلار قاتناشتى.
مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ – جېجياڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش رامكا كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمى 26 – ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
رامكا كېلىشىمى بويىچە، 2015 – يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭ بىلەن جېجياڭ نۇقتىلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىشتا كۆرۈنەرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئەۋزەل كەسىپلەردە مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ھەمكارلىق سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرىدۇ، ئاقسۇنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايون رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرىدۇ، جېجياڭدىن كەلگەن كارخانىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوبوروت ساھەلىرىگە سالغان مەبلىغى يېڭىدىن 10 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خەن يۇڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.


ئىگىلىشىمچە، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىق مەزمۇنى: زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىغان خام ماتېرىيال بازىسى قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، كەسىپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش، كۇرسلۇق مەھسۇلات ماركېتىڭى، تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار ھەمكارلىقى، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقى، ھۆكۈمەتلەر ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىق، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئالاقە ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىنجان تۇراخۇن قاتارلىقلار كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


 


خەتكۈچلەر:
28-08-2014
0
914
يازغۇچى: لەگلەك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2015
0
112
thumb
دۇنيادىكى داڭلىق خارابىلەرنى كۆپىنچىمىز بىلىمىز. بىراق ئاللىقاچان ئۇنتۇلغان قەدىمىي يادىكارلىقلارنى كۆپچىلىك بەلكىم بىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. 8-چېسلا، مەلۇم بىر ئېنگلىزتىلىدىكى تاراتقۇ تورىدا بىر گۇرۇپپا دۇنيا خارابىلىكلەر توپىنىڭ سۈرەتلىرى ...
10-06-2015
0
105
thumb
9-ئىيۇن سەھەر، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ زۇنيى شەھىرىدىكى خۇيچۈەن رايونى گاۋچاۋ بازىرىدا بىر ئائىلىلىكلەر بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، بەختكە يارىشا ئادەم زەخمىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئائىلىلىكلەر بىناسى يەتتە قەۋەت بولۇپ، 68 ئاھالى...
06-06-2015
0
251
thumb
بۇ يىل ئۈرۈمچىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنى تەقسىملەش باشلاندى، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 2-تۈركۈمدىكى ئۆيلەرنىڭ تەقسىملىنىش ئەھۋالى ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2...
27-05-2015
0
312
thumb
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان يېقىندا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مېھمانساراي سالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. پىلانغا ئاساسلانغاندا، بۇ مېھمانساراينىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1 مىليون 400 مىڭ كىۋادرا...
22-05-2015
0
230
thumb
تۆت كۈن داۋاملاشقان 2015- يىللىق ئۈرۈمچى (ئەتىيازلىق) ئۆي - زېمىن يەرمەنكىسى 17- ماي ئاياغلاشتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۆت كۈندە شەھىرىمىزدە جەمئىي 4321 يۈرۈش تاۋار ئۆي سېتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە يەرمەنكىدە سېتىلغىنى 3894 يۈرۈش ئىكەن. ئۆي - زېمىن ي...
20-05-2015
0
193
thumb
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 18- ماي تېلېگراممىسى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 18- ماي ئېلان قىلغان «2015- يىلى 4- ئايدا 70چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى»غا قارىغاندا، ئۆتكەن ئايغا سېلىشتۇرغاندا، 70 چوڭ، ئوت...
17-05-2015
0
281
thumb
2015-يىللىق ئۈرۈمچى (ئەتىياز پەسىللىك) ئۆي-زېمىن سودا كۆرگەزمىسى 14-ماي شىنجاڭ قىزىلتۆپە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە 79 ئۆي-زېمىن كەسپى تەرەققىيات كارخانىسى قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆي سېتىۋالغاندىكى ئېتىب...
16-05-2015
0
257
thumb
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 12-مايدىن باشلاپ بەش يىلدىن يۇقىرى تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى %4 تىن %3.75 كە تۆۋەنلىتىلگەن. ئىگىلىنىشىچە، 11-مايدىن بۇرۇن تارقىتىلغان (1...
15-05-2015
0
514
thumb
 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-ماي، خەلق تورى مۇخبىرى بېيجىڭ خەشېڭ.شياۋيۈن كوچىسى 8-نومۇردا ئۈستىنكى قەۋەتتىكى 1000 كۋادرات مېتىرغا يېقىن بوشلۇقتىكى چاسا قورۇنى سۈرەتكە ئالدى. بۇ ئۆيلەرنىڭ يەككە باھاس...
15-05-2015
0
214
thumb
شەھىرىمىزدە تۇرالغۇ جامائەت جۇغلانما فوندى قەرزى بېرىش سىياسىتى بوشىتىلغاندىن كېيىن، 11- ماي يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى. بەش يىللىق (بەش يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شەخسىي تۇرالغۇ جامائەت جۇغلانما فوندى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئاۋۋالقى %3.5 تىن ...
Powered by Leglek