ب د ت ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم ب د ت تىنچلىق ساقلاش خادىملىرى ھايتىدا 200دىن ئارتۇق ئايال بىلەن جىنسىي سودا قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە ئاياللارغا يېمەكلىك، دورا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى بەرگەن. دوكلاتتا يەنە تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ جىنسىي ئىكسىپىلاتاتسىيە قىلمىشلىرىنىڭ سانى بەك تۆۋەن مۆلچەرلەنگەنلىكى كۆرسىتىلدى.
بۇ دوكلاتنى ب د ت ئىچكى قىسىم نازارەت ئىشلىرى نازارىتى تەييارلىغان بولۇپ، بۇ ئاينىڭ ئاخىرى رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 9-ئىيۇن دوكلاتنىڭ قىسمەن مەزمۇنىنى ئالدىن ئاشكارىلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved