‹‹ ئالما ››ھەۋەسكارلىرى ئۆچىرەتتە تۇرۇپ iPhone 6 نى كۈتمەكتە

خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس خەۋىرى : ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 4 - سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتى ئائۇستىن شەھىرىدە بىر جۈپ ئەر–ئايال يېقىندا بىر يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ ياردىمى بىلەن مۇددەتتىن ئالتە ھەپتە بۇرۇن ‹‹ ئالما ›› شىركىتىنىڭ نيۇيوركتىكى بايراقدار دۇكىنىغا كېلىپ ، ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ، پات ئارىدا بازارغا سېلىنىدىغان iPhone 6 نى ئالماقچى بولغان .


يۇمشاق دېتال شىركىتى ‹‹VideoMedicin ›› نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئەر-ئايال جاسون بىلەن مونراينىڭ نيۇيوركقا كېلىپ ، ‹‹ ئالما ›› دۇكىنىنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشقىنىغا ئۈچ ھەپتە بولغان . ئۇلار ياردەم بەرگۈچى ئورۇن تەمىنلىگەن مايكىلارنى كىيىپ ، iPhone 6 نىڭ بازارغا سېلىنىشىنى ساقلاۋاتقان بولۇپ ، ئۇلار يەنە داۋاملىق ئۇچ ھەپتە ساقلايدىكەن ، چۈنكىiPhone 6 يانفون 19-سېنتەبىردىن باشلاپ سېتىلىدىكەن .
بۇ ئەر - ئاياللار تولۇق تەييارلىق قىلىپ ، چېدىر ، يانفون زەرەتلەيدىغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيە ۋە ئۇخلاش خالتىسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن . ئۇلار يەنە شۇ يەردىكى خىرىستىئان دىنى ياشلار جەمئىيىتىنىڭ مونچىسىنى ئىشلەتكەن .


ئۇلاردىن باشقا يەنە ، ‹‹ ئالما ›› شىركىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ پەن–تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ياردىمىدە ، ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن نەچچە ھەپتە بۇرۇن كېلىپ ئۆچىرەت ساقلاۋېتىپتۇ .


iPhone 6 نىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقىتىنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مىش - مىش پاراڭلار كۆپىيىپ قالغان .شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى ، يېڭى يانفوننىڭ ئېكرانى چوڭ ، باتارىيەسىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولۇپ ، يۇقىرى سۈرئەتلىك WiFi ئۆزىكى بار ئىكەن .



خەتكۈچلەر:
06-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek