چەتئەللەرگە يۈزلەنگەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇق تۇققاندارچىلىق ئالامىتى

ئۇكىرائىنادىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي تەبئىي گاز شىركىتى برۇستول سمار شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تور بېكىتىدە ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بېدېننىڭ ئىككىنچى ئوغلى خانت شىركەتنىڭ مۇدىرىلىكىگە تەيىنلەندى دەپ جاكارلىدى. نەچچە ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىنىڭ ئۆگەي ئوغلىنىڭ ئۇنىۋېرستېتتىكى ياتاقدېشىمۇ مەزكۈر شىركەتنىڭ مۇدىرىيىتىگە كىرگەن ئىدى.


بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە جامائەتچىلىك بۇ خىل ئۇرۇق- تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋەتنى ئەيىبلەشكە باشلىدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاق ساراي مۇنداق دېدى: خانت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلالايدۇ، ئۇنىڭ برۇستول سمار شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتىگە كىرىشىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مەزكۈر ئاپپاراتنىڭ ئارقىسىدىكى ئىمزا دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. بېدىننىڭ باياناتچىسىمۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېدىننىڭ ئۆزى ھەر قانداق بىر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن شىركەتنى قوللىمايدۇ، برۇستول سمار شىركىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى يوق. ئەمما بۇ سۆزلەر ئامېرىكا ئاممىسىنى ئىشەندۈرەلمىدى، نۇرغۇن كىشى ئىجتىمائىي ئالاقى تور بېكىتىدە بۇ ھەقتە گەپ قىلمىدى. بېدىن ئاپرېلدا ئۇكىرائىنادا زىيارەتتە بولغاندا ئامېرىكا ئۇكىرائىنانىڭ تەبئىي گاز مەھسۇلاتىنى كۆپەيتىشنى قوللايدۇ ھەمدە بىر يۈرۈش ياردەم بېرىش پىلانى بىلەن تەمىنلەيدۇ دېگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ «پارلامېنت گېزىتىنىڭ» خەۋىرىدە برۇستول سمار شىركىتى ئامېرىكىنىڭ ياردەم بېرىش پىلانىدىن بىۋاستە نەپكە ئېرىشكۈچى دېيىلدى.


ئامېرىكا ئۇكىرائىنا ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مورگان ۋېليامس مۇنداق دەپ قارىدى: بېدىن ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەشكىلاتتا ئىشلىسە بولمايدۇ دېگەن يازمىسىز قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى. ئەمما سىياسىينى پۇل بىلەن مۇناسىۋەتسىز قىلىش نەقەدەر تەس ئىش. ئەمەلىيەتتە، ئۇرۇق تۇققاندارچىلىق ئالامىتى ئامېرىكىدا ئاز ئەمەس، نۇرغۇن چوڭ كارخانىلار سىياسىي ئەربابلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىققا تەيىنلەيدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ تاپاۋەتلىك مەنسەپىنى سايلام رىقابىتىدىكى مەبلەغ چىقارغۇچىغا بەرگەنلىكى ھەممىگە ئايان بولدى. بۇ مەبلەغ چىقارغۇچىلار ياكى سىياسىي ئىتتىپاقداشلار ئىلگىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنى ھىچ چۈشەنمەي نۇرغۇن كۈلكىگە قالغان ئىدى.

 

پايدا ئالمايدىغان ئاپپارات ئاممىۋى پاكلىق مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۈماتىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرى ئىچىدە، %30 ى زۇڭتۇڭنىڭ سايلام رىقابىتىگە ئىئانە قىلغۇچىلاركەن، كەسىي دىپلوماتلارنىڭ نىسبىتى %45 كە يەتكەن. كەسپىي دىپلوماتلار دائىم جاپالىق رايونلارغا ئەۋەتىلىدىكەن، 2007-يىلىدىن باشلاپ ئوبامانىڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشى ئۈچۈن 17 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى توپلىغان 25 مەبلەغ ئىئانە قىلغۇچىنىڭ كۆپى شارائىتى بىر قەدەر ئەۋزەل بولغان غەربىي ياۋروپا ئەللىرىگە ئەۋەتىلگەن.


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە سىياسىيغا مەبلەغ ئىئانە قىلىشقا قويۇلىدىغان چەكلىمە تەدرىجىي قويۇۋېتىلدى. ئامېرىكا قوشما شتاتلىق ئالى سوت مەھكىمىسى 2010-يىلى بىر كېسىمدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالاھىدە دەرىجىلىك سىياسىي ھەرىكەت كومىتېتىنىڭ تاشقى تەشكىلاتنىڭ سومما چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن ئىئانىنى قۇبۇل قىلىشىغا يولغا قويۇلغان ئىدى. بۇ يىل ئاپرېلدا قوشما شتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسى 10 يىلدىن بۇيان شەخسنىڭ ئىككى يىللىق سايلام دەۋرىدە نامزاتقا ئىئانە قىلىدىغان ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ يۇقىرى چېكىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بىكار قىلدى. ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق پىكىرى قارىشى بىلەن پەرقلىق قاراشتا بولغان چوڭ سوتچى بۇلىيې: بۇ ئىئانە قىلىدىغان پۇل سوممىسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى چەكسىز قىلىپ ئۆستۈرگەنگە تەڭ دېدى. «نۇيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بۇ خىل ھەرىكەت پۇلنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى غايەت تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۋېتىدۇ دېدى.


ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى جون خانتسمان 2012-يىلى ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان«پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىدە» ئېلان قىلغان ماقالىسىدا ئالاھىدە دەرىجىلىك سىياسىي ھەرىكەت كومىتېتى ئۇرۇق تۇققاندارچىلىق كاپىتالىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى گەۋدىلىنىشى، ئەڭ تومۇرداش ئادەم سىياسىي ئەۋزەللىكنى مەڭگۈلەشتۈرۈش مەقسىتىدە بولىدۇ، مەسىلىنىڭ يادروسى- نازارەت قىلغۇچىلار ۋە نازارت قىلىنغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئايلانما ئىشىك ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا رولنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.


ئامېرىكىنىڭ سىياسىيسىدىكى ئۇرۇق تۇققاندارچىلىق كەيپىياتى ئاممىنى سىياسىي ئەربابلاردىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە بولغان ئىشىنىشنى ئاجىزلاشتۇردى. ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بۇشنىڭ باش ئېتىكا ئادۇۋكاتى رېچارد پېينت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە خانت برۇستول سمار شىركىتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىدى، ئەمما بېدىننىڭ سىياسىي ئىستىقبالى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن. بۇندىن كېيىن مەيلى زۇڭتۇڭ ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولسۇن ئۇكىرائىنا ۋە رۇسىيەگە مەيلى قانداق ھەرىكەت قوللانسۇن كىشىلەر بۇنى بېدىننىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ شىركىتىنى ئۆز نەپىسىگە چوغ تارتتى دەپ قارايدۇ.



خەتكۈچلەر:
29-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek