مۇسابىقىلىشىش داۋامىدا ياشلىق ئارزۇنى قاناتلاندۇرۇپ، ئولىمپىك روھىنىڭ ئوتلۇق ھېسلىرىنى تارىتايلى! نەنجىڭدە 2-نۆۋەتلىك يازلىق ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈش پەيتىدە،15-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك كەنتىگە بېرىپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى سەمىمىي يوقلىدى. ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ، گوۋۇيۈەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر، ترېنېرلار، خىزمەتچىلەر، پىدائىيلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ياش ئۆسمۈر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشى، مۇسابىقە ياخشى خىسلىتىنى ۋە زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
15-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەشىق ۋاقتى. ۋالىبول، چېلىشىش، بوكس، رۇداۋچە چېلىشىش قاتارلىق تۈرلەرگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى مەشىقنى چىڭ تۇتماقتا ئىدى، تەنھەرىكەت بىلەن شادلىقتىن ئىبارەت ياشلىق ھېسلىرى تەنھەرىكەت سارىيىنى ئالاھىدە تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى.
سائەت 15 يېرىمدە شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۈچ كىشىلىك ئەرلەر ۋە ئاياللار ۋاسكېتبول مەشىق مۇسابىقىسىنى كۆردى. شى جىنىڭ خۇشال خۇرام كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشۈپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى سورىدى. ترېنېر جاڭ يۈنسوڭ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ باشقا يۇقىرى سەۋىيىلىك كوماندىلاردىن ئۆگىنىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ،ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئويناپ، ياخشى ئىپادە بىلەن بارلىق توپ مەستانىلىرىگە ياخشى جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەشىق سارىيىنىڭ يان تەرىپىدە تەنھەرىكەتچىلەر،چېلىشىش،بوكس، رۇداۋچە چېلىشىش قاتارلىق تۈرلەر مەشىقىنى قىلىۋاتقان ئىدى؛ئۇلار باش شۇجى كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، باش شۇجىگە مەشىقتىن ئالغان تەسىراتىنى سۆزلىدى.
چېلىشىش مەيدانىدا چېلىشىش تەنھەرىكەتچىسى بېي شېڭرۇ ناھايىتى كەسكىن مەشىق قىلىۋاتقان ئىدى.ئۇ باش شۇجىگە مەشىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېلىشىش ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قەدىمىي تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگوچە چېلىشىشنىڭ تارىخى ئۇزۇن. شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدىكى كىشىلەر ياخشى كۆرۈدىغان تۈر. ئۇ تەنھەرىكەتچىلەرگە ئۆزىنى ياخشى قوغداپ، يارىلىنىشتىن ساقلىنىشىنى تاپىلىدى.شى جىنپىڭ يەنە يېنىك ئاتلېتىكا،رۇداۋچە چېلىشىش،بوكس تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆسمۈرلەر، ياشلار كۈچلۈك بولسا،جۇڭگو قۇدرەت تاپىدۇ. ئۆسمۈرلەر، ياشلارنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئىدىيىۋى پەزىلەت، ئۆگىنىش نەتىجىسى،يېڭىلىق يارىتىشچانلىق، ماھىرلىق ھەمدە تەن ساغلاملىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەنتەربىيە روھىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.سىلەرنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ياخشى ئىپادەڭلەرنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ياش ئۆسمۈرلەرنى تەنتەربىيە چېنىقىشقا يېتەكلەپ ئۆگىنىشنىمۇ،تەنتەربىيىنىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ئەخلاقىي ئەقلىي جىسمانىي جەھەتتە تەڭ يېتىلىپ، ۋەتىنىمىز قۇرۇلۇشىنىڭ ياراملىق ئىزباسارلىرىدىن بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.شى جىنپىڭ جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىلى ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن خاتىرە سۈرئەتكە چۈشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved