مېۋە – چىۋە بىلەن كۆكتات تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى بىلەن ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىدىن ئالغاندا، مېۋىلەرنىڭ كۆكتاتلارغا يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
مېۋە بىلەن كۆكتاتنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ تەركىبىدە گەرچە ۋىتامىن C بىلەن مىنېرال ماددىلار بولسىمۇ، بىراق چىلان، دولانا، ئاپېلسىن قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C نىسبەتەن كۆپرەك، ئادەتتىكى مېۋىلەر، مەسىلەن: ئالما، نەشپۈت، بانان قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى ئازراق بولۇپ، بۇ جەھەتتە ھەرگىزمۇ كۆكتاتقا يەتمەيدۇ، بولۇپمۇ يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ئىقتىساد نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ مېۋىنىڭ تۈرى كۆكتاتتەك كۆپ بولمايدۇ، باھاسىمۇ كۆكتاتقا قارىغاندا قىممەترەك بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا كۆكتاتلار كىشىلەرنى مول يېمەكلىك تالالىرى، ۋىتامىن C ۋە كاروتىن بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىساد، ۋىتامىن C ۋە مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاش نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندا، كۆكتات يەنىلا مېۋىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. كۆكتاتمۇ مېۋىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، مېۋىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقلىرى بولىدۇ. مېۋە پىشقان ۋە تەمى تاتلىق بولغاچقا، ئۇنى قورۇش ۋە تەمىنى تەڭشەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ خورىشىمۇ ئاز بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا مېۋىلەردە بىيولوگىيەلىك ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددىلار بولىدۇ، بۇ ماددىلار كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئاشقازاننىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، كۆپ خىل مىنېرال ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ خىل غەيرىي ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇپ ياللۇغ يوقىتىش، ئەركىن رادىكاللارنى چىقىرىپ تاشلاش، قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئۇيۇشۇۋېلىشىنى كونترول قىلىش جەھەتلەردىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئىستېمال قىلىش مىقدارى نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا، كۆكتات بىلەن مېۋىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىلىش مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ. كۆكتات ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ۋىتامىنلار بىلەن مىنېرال ماددىلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى بولغاچقا، ئادەتتە كۆكتاتنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، مېۋىنى قوشۇمچە ئىستېمال قىلىش كېرەك.
ھازىرقى زامان ئوزۇقلۇقشۇناسلىرىمۇ ئادەتتە ھەر ۋاخلىق تاماقتا چوقۇم كۆكتات بولۇش، ھەر كۈنى ئازراق مېۋە بولۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىنقى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، مېۋە كۆپ چىقىدىغان رايونلاردا تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر دائىم مېۋىنى كۆپرەك، كۆكتاتنى ئازراق ئىستېمال قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى كۆكتاتنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان رايونلاردىكى كىشىلەرگە قارىغاندا قىسقىراق بولغان. يېڭى كۆكتاتنىڭ تەركىبىدە مول سۇ، ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار ۋە سېللۇلوزا قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى تائاملىرىمىزدىكى كاروتىن، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن C ۋە كالتسىي، يود، تۆمۈر، ماگنىي قاتارلىقلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى، كۆكتاتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، ئورگانىزمنىڭ ئاقسىل، قەنت ۋە ياغلارنى سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى چوڭ ئىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر بىلەن كۆكتاتلارنى بىللە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ياخشىلايدىكەن. تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، گۆش تۈرىدىكى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچەي يولىدا بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى تەخمىنەن %70 ئەتراپىدا بولىدىكەن، ئەگەر بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى كۆكتات بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا، سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى %90 بولىدىكەن. كۆكتات يەنە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان كۆپ خىل ۋىتامىنلار بىلەن مىنېرال ماددىلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ئىكەن.
سەۋزە، كۈدە قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى كاروتىنلار بەدەن ئىچىدە ۋىتامىن Aغا ئايلىنىپ، ئېپىتېلىي ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلاش رولىنى ئويناپ، بالىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ؛ كەرەپشە تەركىبىدىكى كالتسىي سۆڭەك ۋە چىشنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق ماددا؛ يېسسىىۋېلەك تەركىبىدىكى تۆمۈر قان قىزىل ئاقسىلىنى سىنتېزلەيدىغان ئاساسلىق ماددا.
بەزى كىشىلەر ئادەتتە كۆكتات بىلەن مېۋىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئوخشاش، شۇڭا بىر كۈندە كۆكتات يېمەي مېۋە يەپ بەرسىمۇ ئۇزۇقلىنىش يېتەرلىك بولىدۇ ھەم ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ دەپ قاراپ، ئەتىگەن ۋە كەچلىك تاماقتا كۆپرەك مېۋە – چىۋە ئىستېمال قىلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ خىل خاھىش قىز – ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئىلمىي بولمىغان قاراش بولۇپ، مېۋە – چىۋە ھەرگىز كۆكتاتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved