جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان سىچۈەن ئۆلكىسى لۇجۇ شەھىرىدە يۈزبەرگەن «9-يانۋار ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇش دېلوسى» دا يېڭى ئىلگىرىلەش بولغان. 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، لۇجۇ شەھىرى جياڭياڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمسى ئوت قويۇش جىنايىتى بىلەن گۇماندار جاڭ رېنخۇڭنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.
بۇ يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 8 ئەتراپىدا، جىنايەت گۇماندارى جاڭ رېنخۇڭ (ئايال، 51 ياش) ئائىلىسىدىكى جىدەل-ماجرا سەۋەبىدىن ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇشتەك چېكىدىن ئاشقان قىلمىشنى سادىر قىلغان. شۇكۈنى سائەت 10:00 دا، جاڭ رېنخۇڭ لۇجۇ شەھىرى جياڭياڭ ئوتتۇرا يولىدا 269-يول ئاپتوبۇسىغا ئالمىشىپ، جياڭياڭ ئوتتۇرا يولى شياۋشياڭزى يول ئېغىزىغا كەلگەندە، ئالدىن تەييارلاپ قويغان بېنزىننى تۆكۈپ، چاقماق بىلەن ئوت ياققان. شوپۇر ئەھۋالنى بايقىغاندىن كېيىن، ئاپتوبۇسنى جىددىي توختىتىپ يولۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرغان ھەمدە ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسىنى قوزغىتىپ، ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئوتنى ئۆچۈرگەن. ساقچى تەرەپ دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. نەق مەيداندىكى يولۇچىلارنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق، ئوتنى تېزلىكتە كونتىرول قىلىپ، جاڭ رېنخۇڭنى نەق مەيداندا تۇتقان. بىرتەرەپ قىلىش ۋاقتىدا ھەم مۇۋاپىق بولغانلىقتىن، پەقەت بىر يولۇچىنىڭ بىلىكى سۈركىلىپ زەخمىلەنگەن. ئاممىۋىي ئاپتوبۇس شىركىتىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىچە، ئاپتوبۇسنىڭ ئۇچرىغان زىيىنى تەخمىنەن 13 مىڭ يۈەن بولىدىكەن.
جاڭ رېنخۇڭ يولدا كېتىۋاتقان ئاپتوبۇستا، بولۇپمۇ ئاپتوبۇستا شوپۇر ۋە يولۇچىلار بار ئەھۋال ئاستىدا، يەنە تېخى ئاپتوبۇس دەل ئادەم توپلاشقان ئاۋات شەھەر رايونىغا كەلگەندە بېنزىن ئارقىلىق ئوت قويغان. ئەگەر ئوت ئاپتوبۇسقا تۇتىشىپ، پارتىلاش يۈزبەرسە، نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولاتتى، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىدىن ئوت قويۇش جىنايىتى شەكىللەنگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved