تېخنىكا تور بېكىتى phoneArena نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇاۋېي شىركىتى ئۆزى ئىشلەپچىقارغان كۆپ ساندىكى يانفونلىرىغا ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان چىلىن تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچلارنى سەپلىگەن. ھازىر يەنە بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇاۋېي شىركىتى يەنە ئۆزى مۇستەقىل سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە كۆچمە ساقلىغۇچ تەتتقىق قىلىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ. phoneArena تور بېكىتى 5-ئايدىلا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 3 يىلدىن بۇيان چىلىن مەشغۇلات سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى، مەقسىتىنىڭ بولسا Android سېستىمىسىغا زىيادە تايىنىشنى تۆۋەنلىتىش ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. چىلىن مەشغۇلات سېستىمىسىدىكى مەسىلە بولسا ئەپ دۇكىنىنى زور مىقداردىكى ئەپ دېتالى بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىك بولغان.
نۆۋەتتە چىلىن تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچقا ئىشلىتىلىۋاتقىنى Mail GPU تىپلىق سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچ. خاۋېي شىركىتى نۆۋەتتە چىلى بىر تەرەپ قىلغۇچىدىكى سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچنى تېخىمۇ ئىلغار سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى ئۈمۈت قىلماقتا، ئۇنىڭدىن كېيىن خۇاۋېي شىركىتى SK Hynix شىركىتى، سامسۇڭ شىركىتى، ياكى مېيگۇئاڭ شىركىتى قاتارلىق كەسپداش شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆزىنىڭ مۇستاقىل ئىچكى ساقلىغۇچىنى تەتقىق قىلىپ چىقىشنى پىلانلىغان. ئەمما خەۋەرلەردە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ چىلىن مەشغۇلات سېستىمىسى، سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە كۆچمە ساقلىغۇچ قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى قاچان ئېلان قىلىدىغانلىقى ئېيتىلمىغان. خۇاۋېي شىركىتىنىڭ كېيىنكى يۇقىرى سەپلىمىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى بەلكىم P9 بولىشى مۇمكىن، بۇ يانفون بۇ يىل 4-ئايدا ئېلان قىلىنغان P8 نۇسخىلىق يانفوننىڭ ئىز باسار مەھسۇلاتىدۇر. P9 نۇسخىلىق يانفونمۇ كېلەر يىلى 3-ئايدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنماسلىقى مۇمكىن. خۇاۋېي شىركىتى ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىۋاتقان سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە كۆچمە ساقلىغۇچ كۆپ قېتىملىق سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن ھەقىقى مەھسۇلاتلاردا قوللىنىدۇ. گەرچە كۆپ يىل تەتقىق قىلىنغان بولسىمۇ، چىلىن مەشغۇلات سېستىمىسى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىلغارلاشتۇرۇلغاندىلا ئاندىن سىرتقى دۇنياغا ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇاۋېي شىركىتى Android سېستىمىسىدىن ۋاز كېچىش تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بولالمىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved