بۇ قېتىم ئىراق كىرزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىراق ھۆكۈمىتى ئاممىنىڭ ئۆزلۈكىدىن زاپاس قىسىم تەشكىللەپ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلىشقا چاقىردى، نۇرغۇن خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتلىرى ئىراقتا رادىكال تەشكىلات «ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى»گە تاقابىل تۇرۇدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. ئىراق شىئە مەزھىپىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئادۋانى شۇ يەر ۋاقتى 8-ئىيۇل: خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا نۇرغۇن جايلاردىكى ئۇرۇشتا ئىجابىي نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى دېدى.
بىراق ئادۋانى شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرى ھازىر غەربىي شىمالىي رايونىدىكى نۇرغۇن مۇھىم بازارلارنى كونترول قىلىپ تۇرماقتا، ئىراق بىخەتەرلىك قىسمىمۇ باغدات قاتارلىق جايلاردىكى بومبا ھۇجۇمىنى توسۇشقا ئامالسىز قالدى، ئىراق ھۆكۈمىتى يەنىلا غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە.
ئادۋانى: ئىراقتا تۈرلۈك خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشقانلار ئۈچ مىليوندىن ئېشىپ كەتتى دېدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved