‹غەربىي جۇڭگو مەركىزىي شەھەر گېزىتى› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2015-يىلى 10-ئايدا، سىچۇەن ئۆلكىسى لىياۋڭجۇ شەھىرىدىكى تۆت ياشلىق ئوغۇل بالا- شىياۋ شىڭ ئۆگەي ئاپىسى- شىياۋ فامىلىلىك تەرىپىدىن سۇ كۆلچىكىگە ئىتتىرىۋىتىلىپ سۇغا چۆكۈپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئىگەللىنىلىشىچە، شىياۋ شىڭنىڭ دادىسى بىلەن ئاپىسى شىياۋ شىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، كېيىن شىياۋ شىڭنىڭ دادىسى-ياڭ فامىلىلىك شىياۋ فامىلىلىك بۇ ئايال بىلەن توي قىلغان، ياڭ بىلەن شىياۋ توي قىلىپ يەنە بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، لېكىن بۇ ئوغۇل بالا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان. شىياۋ فامىلىلىك ئۆگەي ئانا يولدىشىنى ئالدىنقى ئايالىدىن بولغان ئوغلى-شىياۋ شىڭنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ دەپ قاراپ، شۇنىڭ بىلەن شىياۋ شىڭغا زەھەرلىك قولىنى سۇنغان.
ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىياۋ شىڭ ئادەتتە ناھايىتى رايىش ھەم مۇلايىم بالا ئىكەن. دېلو يۈز بەرگەن چاغدا، شىياۋ فامىلىلىك ئۆگەي ئانا سۇ كۆلچىكى بويىدا ئاياغ يۇيۇۋاتقان بولۇپ، شىياۋ شىڭ ئۆگەي ئاپىسىنى چاقىرغىلى بۇ يەرگە كەلگەن. شىياۋ شىڭ ئۆگەي ئاپىسىنىڭ ئاياغنى يۇيۇپ بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، چوڭلارنى دوراپ قولىغا بىر دانە ئاياغ پېتىكىنى ئالغان ھالدا سۇ كۆلچىكى بويىغا كېلىپ پېتەكنى يۇيۇشقا باشلىغان. ‹ئاپا، مەن سىزگە ياردەملىشىپ يۇيۇشۇپ بېرەي› مانا بۇ شىياۋ شىڭنىڭ بۇ دۇنيادا قالدۇرغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز سۆزى بولۇپ قالغانىدى. نۆۋەتتە بۇ دېلو تەپتىش تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved