جۇڭگو ئىلىم پەن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى شىتىن نېيئىر شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 18- كۈنى موسكۋادا ئۇكرائىنا كىرزىسى مىنىسكى كېلىشىمى رامكىسىدا مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى .
روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف شۇ كۈنى گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى شىتىن نېيئىر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . شىتىن نېيئىر ئۇكرائىنا دۆلەت ئىچى توقۇنۇشنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك تەرتىپى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر كرىزىس ئىكەنلىكى بۇ مەسىلىنى قورال كۈچى ئارقىلىق ھەل قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتتى .ئۇ ۋىنىسكى كېلىشىمى ئۇكرائىنا كىرزىسنى ھەل قىلىشتىكى بىر دىنبىر ئاساس ،ھەر قايسى تەرەپلەر چوقۇم كېلىشىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى داۋاملىق تۈردە تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى لازىم ،نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدا ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئىشلىتىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت بويىچە ،ئىككى تەرەپنى ئايرىش ،ھەمدە توقۇنۇشتىكى ئىككى تەرەپ ئەىسرلىرىنى تېزدىن ئالماشتۇرۇش دەپ قارىدى .شىتىن نېيئىر رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىنا كىرزىسنى ھەل قىلىشتا ئۆز رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇردىغانلىقىغا يەنىمۇ ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
لاۋروف نۆۋەتتە روسىيە گېرمانىيە ئىككى تەرەپ ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ تېزلىكتە ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،ئۇكرائىنا دۆلەت ئىچىدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش ھەمدە مىنىسكى كېلىشىمدىكى باشقا بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .
ئۇ مۇنداق دەپ قارايدىكەن :‹مىنىسكى كېلىشىمى ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىنكى باسقۇچلۇق ۋەزىپە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىگە قوشنا دومبىۋالىدىكى مەلۇم خىمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 40 نەچچە ئادەم يارىلاندى.
...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، پېرۇ ساقچىلىرى لالىبېرتاد ئۆلكىسى (La Libertad) سالپو بازىرىدىكى مەلۇم قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش كانىنى پارتلىتىۋەتتى. قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى سىماب بۇل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved