بىر ئامېرىكا دوللىرىغا ئەرەب دۆلىتى لىۋاندا نېمە سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟

         لىۋاننىڭ پۇلى بولسا لىۋان فوندى، (پۇل بەلگىسى LBP)، قەغەز پۇل ۋە تەڭگە پۇل بار، قىممىتى ئەڭ كىچىك قەغەز پۇل 1000 فوند، ئەڭ چوڭى 100000 فوند، تەڭگە پۇللاردىن 250 فوند ۋە 500 فوندلىقلىرى بار. تۇنجى بولۇپ ئويلايدىغىنىڭىز، پاھ قىممىتى نېمانداق يۇقىرى، 1000 لىۋان فوندى قانچىلىك خەلق پۇلىغا يارايدۇ؟ دەپ بەرسەم قۇرقۇپ كېتىسىز، ۋۇي، ئاران شۇنچىلىكما؟ شۇنداق، 1000 لىۋان فوندى ئاران تۆت يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر، لىۋانلىقلار مۇنداق ھېساپلايدۇ، 1500 لىۋان فوندى بىر ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ. شۇڭا مەن دوستلار چەمبىرىكىگە: بۈگۈن مەلۇم سودا سارايغا بېرىپ 150 مىڭنى خەجلىۋەتتىم دەپ يازسام، نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا مۇنداق باھا سۆزلىرىنى تاپشۇرىۋالىمەن: كاتتا بايكەنسىز، راستىنلا پۇلىڭىز باركەن، ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، مەن 600 يۈەندىن كۆپرەك خەجلىسەملا بولدى قىلىمەن. چۈنكى بۇ پۇلنىڭ قىممىتىدىكى مەسىلە، ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتكەن بولساممۇ كۆڭلۈمدە بىئارام بولىمەن، ئوقۇش پۇلى تاپشۇرسىڭىز نەچچە يۈز مىليونلاپ ھېساپلاشقا توغرا كېلىدۇ.لىۋاندا ئامېرىكا دوللىرى ۋە لىۋان فوندى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، بىر تورداش لىۋانغا كېلىشتىن ئىلگىرى مەندىن، 2000 ئامېرىكا دوللىرى ئېلىپ كەلسەم بىر ھەپتە ساياھەت قىلىشقا يېتەمدۇ؟ دەپ سورىدى. بۇ سىزنىڭ قانداق خەجلىشىڭىزگە باغلىق، بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى، نورمال ئەھۋالدا يېتىدۇ يەنە تېخى كۆپ بولۇپ كېتىدۇ. نۇرغۇن دوستلار مەندىن مۇشۇنداق سۇئاللارنى سوراشقا ئامراق، لىۋاننىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى قانداق؟ مۇنداقچە ئېيىتقاندا لىۋاننىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى ۋە كىرىم نىسبىتىدىن ئېيىتقاندا يەنىلا بىرئاز يۇقىرى. لىۋاندا بىر ئامېرىكا دوللىرىلىق دوكانلار ئىنتايىن كۆپ، بىر دوللارلىق دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە كىرىپ قارىسىڭىز ھەقىقىي بىر ئامېرىكا دوللىرىلىق نەرسىلەر ئىنتايىن ئاز، بۇ سودىگەرلەرنىڭ خېرىدارلارنى جەلىپ قىلىدىغان چارىسى خالاس. شۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم، ئۇنداقتا بىر ئامېرىكا دوللىرىغا كىچىك ئەرەب دۆلىتى لىۋاندا قانداق نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟

مېۋە-چىۋە تۈرىدىكىلەر


بىر ئامېرىكا دوللىرىغا بىر جىڭ ماندارىن سېتىۋالالايسىز، ئاپلىسىن ماندارىندىنمۇ ئەرزان.

بىر ئامېرىكا دوللىرىغا مايمۇن شاپتۇلدىن ئۈچنى سېتىۋالالايسىز، مەن ئۇنى يېمەسلىككە رازى.

بىر ئامېرىكا دوللىرىغا بىر جىڭ قىزىل ئۈزۈم سېتىۋالالايسىز، قارا ئۈزۈمنىڭ بىر جىڭى 14 يۈەن.

   بىر ئامېرىكا دوللىرىغا بەلەن باناندىن بىر جىڭ سېتىۋالالايسىز، يۇرتۇمدا بىر جىڭى بىر يۈەن.  ئالمان، ھالۋابىدىت، ئاناناس قاتارلىقلارنىڭ بىر جىڭ 8 يۈەندىن 12 يۈەنگىچە، ئانارنىڭ بىر جىڭى 26 يۈەن، بۇ نۇرغۇن كىشىلەر قۇبۇل قىلالمايدىغان باھا.

    كۆكتات تۈرىدىكىلەر

     سەۋزە بىر قەدەر ئەرزان، بىر ئامېرىكا دوللىرىغا بىر يېرىم جىڭ سېتىۋالالايسىز.

     لىۋاندا كاللاك يېسۋىلەك مانا مۇشۇنداق، يەنە تېخى ئالاھىدە چوڭلىرىمۇ بار، لىۋانلىقلار بۇنىڭغا سالات ياساشقا ئامراق، بىر دانىسىنى بىر ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالالايسىز.

      بۇ كۆكتاتنىڭ بىرسى بىر ئامېرىكا دوللىرى.

      بۇ پالەكنى بەزى ۋاقىتلاردا سېتىۋالالمايسىز، بولۇپمۇ قايسى پەسىل بولىشىدىن قەتئىينەزەر بىر كىچىك باغلىمى ئاران مۇشۇنچىلىك.

     كىشىلەر بۇ خىل تەرخەمەكنى سېتىۋالىدۇ. كۆكمۇچنىمۇ بىر ئامېرىكا دوللىرىغا بىر جىڭ سېتىۋالغىلى بولىدۇ، تەرخەمەكتىن بىر ئامېرىكا دوللىرىغا ئىككى جىڭ سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ياڭيۇنىمۇ بىر ئامېرىكا دوللىرىغا ئىككى جىڭ سېتىۋالالايسىز، لىۋانلىقلار ياڭيۇ يېيىشكە ئامراق، خام تەرخەمەك يېيىشتىمۇ نامى بار، باشقا كۆكتاتلارمۇ ئاساسەن بىر ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى، بىر تۈپ يېسۋىلەكنىڭ باھاسى 30 يۈەن، مۇئاشىڭىزنىڭ قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر سېتىۋالغىڭىز كەلمەيدۇ.

    لىۋاندا بۇ خىل گازلىق ئىچىملىك يوق، كولانى تاماق ئورنىدا يىگىلى بولمايدۇ، بىر ئامېرىكا دوللىرىغا ئىككى قۇتا گازلىق ئىچىملىك ياكى كولا سېتىۋالغىلى بولىدۇ،  بىر بوتولكا مېنرال سۇ ئىككى يۈەن.

       مۇشۇنداق مېۋە سۈيىنىڭ بىر بوتولكىسى ئىككى يۈەن.

     بىر ئامېرىكا دوللىرىغا بىر خالتا ئەرەب قازان نېنى، بىر خالتا بولكا سېتىۋالالايسىز، يەنە تېخى ھەر خىل قىلىپ قاچىلانغان شاكىلات، پېچىنە، ۋە تورت سېتىۋالالايسىز. لىۋاندا شاكىلات ۋە شاكىلات قوشۇلغان يېمەكلىكلەر ئىنتايىن كۆپ، باھاسىمۇ ئەرزان، بىر ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنلىرى ئىنتايىن كۆپ، بالىلار جىق يەۋالغاچقا زىيان قىلىدۇ.

     مانا بۇ رىۋايەتلەردىكى ئەرەب قازان نېنى، بۇ بولسا ئەرەبلەر مۇئاشىنىڭ قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى سېتىۋېلىپ يەيدۇ، ئەتىگەنلىك، كەچلىك تاماقتا بىر پارچە قازان نېنىغا قېتىق، زەيتۇن يېغى، تۇز، يەنە ئازىراق زەيتۇن قوشۇپ يەيدۇ، تەنەرخىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس، قورساق مەسىلىسى ھەل بولىدۇ، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن مۇشۇنداق يېيىشكە ئامراق.



خەتكۈچلەر:
09-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek