ئىقتىساد خاراكتېرىنى ئالغان دۇنياۋى كىرىزىسلەردىن ئىقتىسادى كىرىزىس، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە قەرىز كىرىزىسى قاتارلىق كىرىزىسلەر بار، نۆۋەتتە يۈز بىرىۋاتقىنى گىرىتسىيەنى مەركەز قىلغان قەرىز كىرزىسى بولۇپ، بۇ كىرىزىسلارنىڭ قايسىسى يۈز بېرىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى بىر قېتىملىق زور چېكىنىشكە مۇپتىلا قىلىدۇ.
ئىقتىسادىي كىرىزىس كاپىتالىستىك خاراكتېرىدىكى ئىگىلىككە (دۆلەتكە ئەمەس) مەنسۇپ ئۇقۇم بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نىسپىي ئوشۇقچىلىقىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىگە نىسبەتەن ئوشۇق بولۇپ شەكىللىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۇ ھەرگىز ئېھتىياجغا نىسبەتەن ئوشۇقچىلىق ئەمەس، ماركىسنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتىقاندا، ئىنسانلار تارىخىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئېھتىياجىغا نىسبەتەن ئوشۇقچىلىقى يەنى مۇتلەق ئوشۇقچىلىقى يۈز بېرىپ باقمىغان ھەم مەڭگۈ يۈز بەرمەيدۇ، پەقەت نىسپىي ئوشۇقچىلىق يەنى كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىگە نىسبەتەن ئوشۇقچىلىق يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن، قىزىل كالا ئىچىملىكى ماگىزىنلاردا تولۇپ تېشىپ تۇرۇپتۇ، بۇ ئەھۋال قىزىل كالا ئىچىملىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىدىن شۇنچە كۆپ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرەمدۇ؟ ئەگەر ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ ماگېزىنلاردا دۆۋىلىنىپ تۇرۇپقالغان بولسا، بۇ مۇتلەق ئوشۇقچىلىق بولىدۇ، ئەمما ماركىس ئېيتىقاندەك ئىنسانلار تارىخىدا بۇندق مۇتلەق ئوشۇقچىلىق بولۇپ باقمىغان ھەم مەڭگۈ بولمايدۇ. بۇ پەقەت نىسپىي ئوشۇقچىلىق، خالاس. ئېيتايلۇق، مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا رايۇنىمىزدا ئاھالىلەرنىڭ ئۇتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن، ئۇنداقتا تۆت نوپۇسلۇق ئائىلىدە بىر ئادەم ئۈچ يۈەنلىك قىزىل كالا ئىچىملىكىدىن بىردىن ئىستېمال قىلغاندا، كۈنىگە 12 يۈەن، ئايدا 360 يۈەن كېتىدۇ، بۇ ئايلىق كىرىمىنىڭ %20 ىگە تەڭ، ئەگەر ئىككىدىن ئىستېمال قىلغاندا 720 يۈەن بولۇپ، ئايلىق كىرىمنىڭ %35 ىگە تەڭ. ھازىرقى كىرىم سەۋىيەمىزدە ئۇنى ئالاھىدە زۆرۈرىيەت بىلەن ئىستېمال قىلغاندىن باشقا، ئادەتتە دائىملىق ئىستېمال مەزمۇنىغا كىرگۈزەلەيمىز، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ ماگېزىنلاردا ئىستېمال ئېھتىياجىمىزدىن ئارتۇق مەھسۇلات بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ، ئەگەر يېتەرلىك پۇلىمىز بولغان بولسا ئىدى، ئىستېمال ئېھتىياجىمىزدىن قارىغاندا ئۇ ھەرگىزمۇ ماگىزىنلارنىڭ پەشتاختىغا تىزىلىپ تۇرمايلا قالماي، ئەكىسچە ئېھتىياجنى قاندۇرالمايتتى. ئادەتتە بۇنداق ئوشۇقچىلىقنى بىز نىسپىي ئوشۇقچىلىق يەنى سېتۋېلىش كۈچىمىزگە (يانچۇقتىكى پۇلىمىزغا) نىسبەتەن ئوشۇق بولۇپ شەكىللەنگەن ئىقسادىي كىرىزىس دەپ ئاتايمىز. ئۇ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىر مەزگىللىك توختىشى، سودا-سېتىق ئىشلىرىنىڭ سۇسلىنىشى، خەلقنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەش ۋە چېكىندۈرۈش بىلەن يەنە ئىقتىسادنىڭ يېڭى بىر قېتىملىق گۈللىنىشى ئۈچۈن شەرت ھازىرلاش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى بىر دۆلەت ياكى بىر قانچە دۆلەت ۋە رايۇننىڭ بارلىق ياكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى پۇل مۇئامىلە كۆرسەتكۈچى (قىسقا مۇددەتلىك ئۆسۈم نىسبىتى كۆرسەتكۈچى، ئۆي يەر بايلىقى كۆرسەتكۈچى، ئاكسىيە باھاسى كۆرسەتكۈچى، ئۆي يەر باھا كۆرسەتكۈچى، سودا-سانائەتنىڭ ۋەيران بولۇش سان كۆرسەتكۈچى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى سان كۆرسەتكۈچى دېگەنددەك بىر قاتارمۇھىم كۆرسەتكۈچىلەر)نىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىتايىن تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ، پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتىنىڭ ئۆز قانۇنىيىتىدىن چەتنىگەن ھالدا يامانلىشىشنى كۆرسىتدۇ.
خەلقئارالىق پۇل فوندى تەشكىلاتنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى-پۇل مۇئامىلە سېستىمىسدا كۆرۈلگەن ئېغىرقىيىنچىلىقلارنى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى پۇل مۇئامىلە كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىنتايىن تېزسۈرەتتە تۆۋەنلىشىنى، پۇل مۇئامىلىسى قىلندىغان تۈرلۈك مۈلۈكلەرنىڭ باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتشىنى، پۇل مۇئامىلە ئاپراتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تۈركۈملەپ ۋەيران بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەندە تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ چۈشۈش ئۆزگىرىشى ئىنتايىن تېز بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۇل مۇئامىلە سېستىمىسى ئېغىر تەسىرگە يەنى بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچىرىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئىقسادىنىڭ نۇرمال ئايلىنىشى پالەچ ھالغا چۈشىدۇ-دە، ئىقتىساد چېكىنىدۇ.
خەلقئارالىق پۇل فوندى تەشكىلاتى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىنى-پۇل كىرىزىسى (پۇل قممىتىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان كىرىزىس)، بانكا كىرىزىسى (بانكىلارنىڭ زور تۈركۈمدە ۋەيران بولۇشىدىن كېلىپ چىققان كىرىزىس)، تاشقى قەرىز كىرىزىسى (بىر دۆلەتنىڭ قەرزگە بوغۇلۇپ، قەرزلەرنى ئۆزقەرەلىدە قايتۇرالماسلىقتىن كېلىپ چىققان كىرىزىس) سىستېمىلاشقان پۇل-مۇئامىلەكىرىزىسى (يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ئىككىدىن ئارتۇقى بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىدىن كېلىپ چىققان كىرىزىس) دەپ تۆت تۈرگە ئايرىيدۇ.
ھەرقېتىملىق پۇلېمۇئامىلە كىرىزىسنىڭ پارتلىشى ئالدىنقى قېتىملىقىنىڭ ئاددىي ھالدىكى تەكرارلىنىشى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ پارتلاش سەۋەبىگە قاراپ خاراكتېرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، 1980-يىلى لاتىن ئامېرىكىسىدا يۈز بەرگەن پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى-تاشقى قەرزلەرنى ئۆز قەرەلىدە قايتۇرالماسلىقتىن كېلىپ چىققان تىپىك تاشقى قەرز كىرىزىسى ئىدى. 1994-يىلى مىكسىكىدا يۈز بەرگەن پۇل مۇئامىلەكىرىزىسى-پۇل مۇئامىلسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، كاپىتال كىرگۈزۈشنى قوللاش يۈزىسىدىن ئۆسۈمنى چۈشۈرۈپ، قەرز بېرىشنى كېڭەيتىپ، قەرزنى ئىنتايىن تېزلىك بىلەن كۆپەيتكەنلىكتىن، يەنى پۇل بىلەن تەمىنلەش پۇلغا بولغان ئېھتىياجىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان تىپىك پۇلى كىرىزس ئىدى. 1998-يىلى ياپۇنيەدە يۈز بەرگەن پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى-مۈلۈك باھاسىدىكى كۆپۈكچىنىڭ يېرىلىشى بىلەن بانكىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن كېلىپ چىققان تىپىك بانكا كىرىزىسى ئىدى. 2008-يىلىدىن بۇيان دۇنيانى ساراسىمىگە سېلۋاتقان پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئامېرىكىدىن باشلانغان ئولتۇراق ئۆي بازىردا سۈپەتسىز قەرز تارقىتىشىدىن بانكىلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران بولۇشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ تىپىك ھالدىكى بانكا كىرىزىسى ھېسابلىنىدۇ.
پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەندە، ئادەتتە مۇئامىلىدە ئېھتىياجغا يېتەرلىك پۇل بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەرقايسى ساھەلەرگە ئىشلىتىلىش نىسبىتى بۇزۇلۇپ، مۇئامىلە يولى راۋان بولماي، مەلۇم تەرەپكە تۈرۈلۈپ قېلىپ، يەنە باشقا تەرەپلەردە پۇل بولماي، كۆپۈكچە ئىقتىسادىي گۈللىنىشنى پەيدا قىلىپ قۇيىدۇ، بۇ كۆپۈكچە يېرىلغاندا، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى كېلىپ چىقىدۇ. پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە پۇل مۇئامىلە غوجىدارلىرى ۋە پۇرسەتپەرەس تەشكىلاتلارنىڭ غايەت زورمىقداردىكى كاپىتالنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن ئېشىپ كېتىپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى سەۋەب بولىدۇ. پۇل ھەرىكىتىنى نۇرماللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى ئۆز ئىزىغا سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلشقا، كۆپ بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.
قەرز كىرىزىسى-ئىزچىللاشتۇرۇش مۇددىتى بولغان يەنى ئىككى تەرەپنىڭ قەرز بېرىش ۋە قەرز قايتۇرۇش كېلىشىم مۇددىتى بولغان، قەرز قايتۇرۇش قەرەلى توشقان، ئەمما قايتۇرۇلمىغان ھەم قايتۇرۇش ئىقتىدارى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن خەلقئارالىق ئىقسادىي پائالىيەتنىڭ نۇرمال يۈرۈشۈشىگە بولغان سەلبىي تەسىرى ۋە دائىرىسى مۇئەييەن چەككە يەتكەندە، قەرزدارلىق كىرىزىسى كېلىپ چىقىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيا ئەللىرى كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ۋە ياكى كەسكىن مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىشتا بولۇۋاتقان قەرز كىرىزسى گىرېتسىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا ئامېرىكا، ئىسپانىيە، ئېرلاندىيە، دۈبەي قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشغا دۇنياۋى خاراكتېرلىك يامان تەسىر پەيدا قىلىش بىلەن ياۋرو رايونىنى پارچىلىنىش گىردابىغا قىستاپ كەلدى. بۇ ئەھۋال نۆۋەتتە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، بۇ دۆلەتلەرنى مالىيەنى قىسىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، دۆلەت مەمۇرلىرىنى قىسقارتىش، ھۆكۈمەت خىراجىتىنى ئازايتىشتەك بىر قاتار مالىيە تەدبىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلدى ھەمدە بۇخىل مالىيە سىياسىتىگە ئېتراز بىلدۈشتەك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرمۇ كېلىپ چىقماقتا.
خۇلاسىلىگەندە، كىشىلەرنىڭ مەسىلە ياكى ھادىسىگە يولۇققاندا، ئالدى بىلەن شۇ ئۇقۇم ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، ئاندىن شۇ مەسىلە ياكى ھادىسە ھەققىدە ئەتراپلىق ھەم توغرا پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن پىرىنسىپال خاتالىق سادىر قىلىپ قويىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم نۆۋەتتە دۇنياۋى خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى بولۇۋاتقان ھەمدە ئۇنىڭغا ياندىشىپ گىرېتسىيەنى مەركەز قىلىپ پارتىلغان، ياۋرو رايونىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقان قەرز كىرىزىسى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان شارائىتتا، بۇ قانداق ۋەقە ۋە ياكى قانداق ھادىسە دېگەن سوئالنى ئۆزىمىزگە قويماي تۇرالمايمىز. يۇقىرىقى چۈشەنچىلەرگە ئاساسلانغاندا، كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ئىپادىلىنىش شەكلى، تۈرى ۋە خاراكتېرى قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئىقتىسادىي كىرىزىسى، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئۇقۇمىنى ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۋېتىشكە ۋە ياكى بىر ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ، ئەگەر ئارىلاشتۇرۋېتىلسە ۋە ياكى بىر ئورۇنغا قويۇلسا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇتۇلۇش تەدبىرنى قوللىنىشتا خاتالىشىپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر پاتقىقىغا پېتىپ قالىمىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved