جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپادا كەڭ كۆلەمدە سېتىۋېلىشى ئەندىشە قوزغىدى

پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى:



جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كەمچىل ئىكەن. لېكىن، جۇڭگو دۆلەت كارخانىلىرى 2015-يىلى جۇڭگونىڭ ياۋروپاغا مەبلەغ سېلىشىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىغا باشلامچىلىق قىلدى، بۇ جۇڭگو كارخانىلىرى ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ بايلىقىغا ئىگە بولۇشىغا ماس كېلەمدۇ يوق دېگەن، بىر قاتار گۇمانلارنى قوزغىدى.



قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن مىلياردىر ۋاڭ جىيەنلىن دالىيەن ۋادا گۇرۇھىنىڭ لېدىرى ھەمدە جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ چەتئەلگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ۋاڭ جىيەنلىن جۇڭگو دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئاستىلىقى، يىراقنى كۆرەر چەتئەلگە كېڭىيىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ كەمچىللىكىنى تەنقىد قىلدى.



ۋاڭ جىيەنلىن ئالدىنقى ھەپتە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە:«دۆلەت كارخانىلىرى دېرىكتورلىرى ئۇزۇن مەزگىللىك نىشان تۈزۈشكە ئامالسىز، چۈنكى ئۇلار 2-3 يىلدىن كېيىنلا ئالماشتۇرۇۋېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدا خەلقئارا ئۆلچەم كەمچىل ھەمدە تەستىقلاش تەرتىپى ئۇزۇن» دېدى.



ئۇ بىر مىسال كۆرسەتتى. ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، لوندوندىكى بىر ئۆي-مۈلۈك تۈرىنى ئالماقچى بولغاندا، ئۇ پەقەت بىر ھەپتە سەرپ قىلىپلا سودىنى پۈتتۈرگەن، بولمىسا مۈلۈكنى پاي ئېسىپ كىم ئارتۇق قىلىپ ساتسا، باھاسى ئۆرلەپ كېتىدۇ.



ئۇ:«مەن تېز سۈرئەتتە ئۇنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدىم، كېلىشىم ئىمزالىدىم ھەمدە 3 كۈن ئىچىدە پۇلنى تۆلىدىم. ئوخشاش ئەھۋالدا، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بۇنداق قارار چىقىرىشى ناھايىتى تەس» دېدى.



ۋاڭ جىيەنلىن يۇقىرى سۆزلەرنى قىلغان پەيتتە، گېرمانىيە ئەقىل ئامبىرى مېركاتور جۇڭگو تەتقىقات مەركىزى ۋە نيۇيورك مەسلىھەتچىلىك شىركىتى Rhodiumگۇرۇھى بىرلىكتە ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سالغان مەبلىغى رېكورت يارىتىپ 20 مىليارد ياۋروغا يەتكەن، بۇنىڭدا جۇڭگو دۆلەت كارخانىلىرى %70نى ئىگىلىگەن؛ 2014-يىلى سالغان مەبلەغ 14 مىليارد ياۋرو بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى %62نى ئىگىلىگەن.



جۇڭگو دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى سېتىۋېلىشىنى چۆرىدىگەن ئەندىشە نەچچە جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ. بىر ئەندىشە بولسا جۇڭگونىڭ 106 ئەڭ چوڭ دۆلەت كارخانىسىنىڭ بۇلتۇر 11-ئايدىكى مالىيە ئىپادىسىدە يامانلىشىش كۆرۈلدى، مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ كارخانىلارنىڭ پايدىسى %10.4 تۆۋەنلىگەن، ئەمما ساپ پايدىسى ياكى باجدىن بۇرۇنقى پايدىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمىدى.



تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ كاپىتالىنى سېتىۋېلىشتا باراۋەرلىك مەسىلىسى كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدىكەن. تەھلىلچىلەرنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قەرزى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئەمما يەنىلا ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، ئېتىبار شەرتتە چەتئەلدىن سېتىۋېلىش ئېھتىياجلىق مەبلەغكە ئېرىشەلەيدىكەن.



خەتكۈچلەر:
02-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
04-02-2016
      2- ئاينىڭ 3- كۈنى نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1143 دوللارغا...
04-02-2016
           بۈگۈن شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى بازار باشلىنىشى بىلەنلا ئۆسۈشكە باشلىدى ۋە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2793.30 نۇقتىغا چىقىپ، 1- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى نۇقتا قايتۇرۇۋېلىندى. بازاردا ھەربىي سانائەت، ئۆي مۈلۈك، پۇ...
Powered by Leglek