13-مارت، ناھىيەلىك يېزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقات پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش :
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن خەۋىرى، فوتوسى: قاراقاش ناھىيەسى «15-مارت» خەلقئارا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كۈنى پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن 11-مارت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2015-يىلىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېتىشلىق 10 تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى. ناھىيە بويىچە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىدىكى بەش ئىلغار ئورۇننى مۇكاپاتلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 13-مارتتىكى بازار كۈنىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار توققۇز ئورۇندىن 61 نەپەر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمنى ئاجرىتىپ، ناھىيەلىك يېزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىدا مۇلازىمەت سۇپىسى تەسىس قىلىپ، تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved