دۇنيادىكى كۆپ قىسىم قۇملۇقلار ئىسسىق بەلباغقا جايلاشقان، كۆپىنچىسىدە قار ياغمايدۇ. كۆلىمى 7 مىليون 770 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق سەھرايى كەبىر چۆلى ئىنتايىن ئىسسىق بولۇپ قار يېغىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس.
لېكىن دۆلىتمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قىشتىكى ئوتتۇرىچە تېمېپراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن تۆت سىلتسىيە گرادۇس ئەتراپىدا، بۇ يەردە قار يېغىش ئۇنچە ئاز كۆرۈلىدىغان ئىش ئەمەس.
قار بىلەن قۇملۇق ئەمەلىيەتتە بىر بىرى بىلەن قەتئىي ماس كەلمەيدىغان مەنزىرە، لېكىن قار ياغقان مەلۇم كۈندە ئىككىسى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ.
يېقىندا كۈچلۈك سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە تەكلىمان قۇملۇقىنىڭ لوپنۇر گىرۋىكىدە قار ياغدى. بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەتلەردىن قۇملۇققا ئاق پايانداز سېلىنغانلىقىدەك غەلىتە مەنزىرىنى ھەمدە ياندىكى دەريادا مۇز قاتقانلىقى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ قۇملۇقنىڭ ئادەتتىكى مەنزىرىسى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved