ئامېرىكىدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى زۇڭتۇڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ

بۈگۈنكى دۇنيادا، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى سىياسىي ئىتتىپاقى ھەتتا بىۋاسىتە ھالدا زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بىر قىسىم جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى سودىگەر چاقىرىش پائالىيىتىمۇ دائىم جۇڭگو مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ.
كالفورنىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يەرشارىلاشقان ئىشتاتى دېيىشكە بولىدۇ، بۇ يەردىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى كۆچمەنلەرنى تاپقىلى بولىدۇ، ئاسىيالىق كۆچمەنلەر ئىسپان تىللىق كۆچمەن ۋە ئاق تەنلىك كۆچمەنلەردىنلا كېيىن تۇرىدۇ.


ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى «ئاكۇلانىڭ دۈمبە پالاقچىسىنى چەكلەش» قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى، بۇ قانۇن لايىھەسى جۇڭگو مۇھاجىرى ئوتتۇرىغا قويغان. 2011-يىل 3-ئايدا كالفورنىيەدىكى جۇڭگو مۇھاجىرى پارلامېنت ئەزاسى كالىفورنىيە ئاۋام پالاتاسىغا بىر تۈرلۈك لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاكۇلانىڭ دۈمبە پالاقچىسىگە ئىگە بولۇش، ئېلىپ-سېتىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. بۇ لايىھە 5-ئايدا ئاخىرى ماقۇللاندى. 2013-يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئاكۇلا دۈمبە پالاقچىسىنى ئىشلىتىش ۋە ئېلىپ-سېتىش چەكلەندى.


كالىفورنىيە ئىشتاتى ئاسىيالىق كۆچمەن ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئەڭ ياقتۇرىدىغان بىر ئىشتاتقا ئايلاندى. 2010-يىللىق ئامېرىكىنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا ماتېرىيالىدىن قارىغاندا، 2000-يىلىدىن 2010- يىلىغىچە، ئالخورنىيە ئىشتاتىدىكى نوپۇس 30% ئاشقان بولۇپ، كالىفورنىيە ئىشتاتى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 13% گە يەتكەن، يەنى 4 مىليون 860 مىڭ كىشى كۆپەيگەن. ئاسىيالىق كۆچمەنلەر ئىچىدە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 1 مىليون 300 مىڭ كىشىگە يەتكەن.

جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنىڭ كۆپىيىشى ئامېرىكا سىياسىيسىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان. چۈنكى ئامېرىكا بىر دېموكراتىك جەمئىيەت، سايلىغۇچىلارنىڭ دېگىنى ھېساب، ھەرقانداق سىياسىيونمۇ سايلام بېلىتى ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان جەمئىيەت توپىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار جەمئىيىتىدىكى سەرخىللارمۇ بۇ نۇقتىنى كۆرۈپ يەتتى، ئۇلار جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ جەمئىيەت ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى.


ئامېرىكا بېركلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى تىيەن جاڭلىن، دېلاۋىيېر ئىشتاتىنىڭ سابىق ئىشتات باشلىقى ۋۇ شىيەنبىياۋ، جۇڭگو مۇھاجىرى جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى پېشقەدەم ئەزاسى چېن شىياڭمېي قاتارلىقلار بىرلىكتە لوس ئانژېلىستا ئاسىيالىقلار سىياسىي ئىتتىپاقى --«80\\20 ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى»قۇردى. ئوخشاشلا بۇ ئىتتىپاق جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلدى.


سىياسىي سەرخىللار جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنىڭ جەمئىيەت ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، سودا ساھەسىدىكى سەرخىللارنى ئىتتىپاقلاشتۇردى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدا ئامېرىكىغا كەلگەن جۇڭگولۇق كۆچمەنلەر كەسپىي خادىم بولۇپ، ئامېرىكىدا يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت تاپالىسىمۇ، ئەمما ئۆزى ئىگىلىك تىكلىيەلمىگەن. ئەمما 90-يىللارنىڭ ئاخىرى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ خىل ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سالاھىيەت ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قۇردى، ئۆزىنىڭ شىركىتىنى جۇڭگودىكى شىركەتلەر بىلەن باغلىدى. ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسى ئىلگىرىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلاردەك قول ھۈنەرۋەنچىلىك بولمىدى، ئەكسىچە چوڭ كۆلەمدىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەت بولدى، بەزىلىرى ھەتتا ئامېرىكىنىڭ مەلۇم ساھەلىرىنى مونوپول قىلدى.


لوس ئانژېلىستا شىيېمىڭ ئىسىملىك جۇڭگو مۇھاجىرى بار، ئۇنىڭ شىركىتى ئاللىقاچان ئامېرىكىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، ئۇ جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، 2006-يىلى ئۆزىنىڭ ئانا مەكتىپى جەنۇبى كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتېتىغا بىر قېتىمدىلا 35 مىليون دوللار ئىئانە قىلىپ، جەنۇبى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ ئىئانە سوممىسىنى ياراتتى. 2010-يىلى شىيېمىڭ يەنە جەنۇبى كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتېتىغا 50 مىليون دوللار ئىئانە قىلدى. بۇ بىر تەرەپتىن جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئىقتىسادى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.


ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۈگۈنگىچە، ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ئارىسىدا سىياسىيغا قاتنىشىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. جەنۇبىي كالفورنىيەدىكى لوس ئانژېلىستا بەزى رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار 50% كە يەتتى. بۇ شەھەرلەردە جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار جەمئىيىتى، جۇڭگولۇق سودىگەرلەر جەمئىيىتى، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار شىر جەمئىيىتى، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار روتارىيە جەمئىيىتى قاتارلىقلار بار، بۇلار ئاساسلىقى ئولتۇراق رايون ۋە پۇقرالار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. بەزى رايونلارنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتلىرىدە ئاز بولمىغان جۇڭگولۇق مۇھاجىر پارلامېنت ئەزالىرى بار. جەنۇبىي كالفورنىيەدە، سايلام ئەمەلدارلىرى يەنە «جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار سايلام ئەمەلدارى جەمئىيىتى» قۇرغان. ئۇلار دائىم يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلىدۇ. بۇ جەمئىيەت جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئۆز ئارا باردى كەلدى قىلىپ تۇرىدۇ. بىر قىسىم جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى دائىم بۇ جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇلار مەيلى ئەمەلدارلار تەرەپتىكى ياكى ئەلئىچى تەرەپتىكى ئۆزئارا پائالىيەت بولسۇن، ئوخشاشلا ھەممىسى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنىڭ ئامېرىكىدىكى تەسىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.



خەتكۈچلەر:
16-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek