ئىسرائىلىيە پارلامېنتى 3-نويابىر قانۇن ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسرائىلىيەگە تېررورلۇق ھۇجۇم قوزغاپ تۈرمىگە قاماپ قويۇلغان پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى مەنئى قىلدى. بۇ يېڭى قانۇن ئىلگىرى ھۆكۈمەت قويۇپ بەرگەن پەلەستىنلىكلەر ۋە تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچىگە ئىگە ئەمەس.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلىنغان ئىسرائىلىيە ئەسكىرى سالىتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، 2011-يىلى مىڭدىن كۆپرەك پەلەستىن مەھبۇسنى قويۇپ بەردى. ئىسرائىلىيە پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتىگە تۇرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ۋە بۇ يىلمۇ تۈرمىدە قاماپ قويۇلغان بىر تۈركۈم پەلەستىنلىكلەرنى قويۇپ بېرىپ، پەلەستىنلىكلەرگە ياخشى پوزىتسىيەدە بولغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved