جىنايەتچىنىڭ ئادۋوكاتى: جاۋابكار «بايۋەتچە زۇكىمى» غا گىرىپتار بولغان

     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 4-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، «بايۋەتچە زۇكىمى» (Affluenza) غا گىرىپتار بولغان ياشلار ئامېرىكىدا ئەڭ قىززىق نۇقتا بولۇپ قالدى، ئامېرىكا مودا مەدەنىيىتى ۋە تاراتقۇلار ئاتا-ئانىسىغا تايىنىۋالىدىغانلار، ياش چولپانلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سەۋەبتىن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

    ئامېرىكىلىق ياش ئېتان كوچ (Ethan Couch) يېقىندا ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ تۆت ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى پىسخىكا دوختۇرىنى تەكلىپ قىلىپ، «بايۋەتچە زۇكىمى» نىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئېتان كوچ جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ئېرىشتى، بىراق ئۇ ھاراق ئىچىش ئادىتىنى ئۆزگەرتمەيلا قالماي يەنە، ئانىسى ئۇنىڭ قېچىشىغا ياردەملەشتى. بۇنىڭدىن ئامېرىكىدىكى باي ئائىلىلەر ۋە يامان ئۆگىنىپ قالغان بالىلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىماي ئىش قىلىدىغان مەسىلىسىنى ئاشكارىلاپ قويدى.

ياشلارنىڭ مېڭىسى تېخى تەرەققىي قىلمىغان، دائىم ئاقىۋىتىنى ئويلىماي ياكى يېنىكلىك بىلەن ئىش قىلىپ قويىدۇ، بىراق ئېتان كوچنىڭ ئانىسى قۇرامىغا يەتكەن بولسىمۇ، بىراق بالىسى بىلەن بىرلىكتە خاتالاشقان، شۇڭلاشقا ئۇمۇ تۈرمىدە يېتىش تەھىتىگە دۇچ كەلدى.

نورا دۇن (Nora Dunn) ئىسىملىك يازغۇچى مۇنداق دېدى، ئېتان كوچ بايۋەتچە بولغاچقا، جىنايى جازادىن ئاسانلا قېچىپ قۇتۇلالىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسى باي ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسى، ئۇ ھاراق ئىچكەن، بىراق ئادەم ئۆلتۈرۈش نىيىتى يوق، ئەمما خاتالىق ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئادۋوكاتى پىسخىكا مەسلىھەتچىسىنى چاقىرىپ مۇنداق چۈشەندۈردى، ئۇ بايۋەتچە زۇكىمىغا گىرىپتار بولغان، مەسىلىنى ئۇنىڭ ئەخمەقلىقى ئەمەس بەلكى باي بولغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بىراق نامرات ئائىلىنىڭ بالىلىرى ئۇنداق تەلەيلىك ئەمەس، نورا دۇننىڭ دېيىشىچە، نامراتلىق ۋە تېرە رەڭگى ھازىر جىنايى جازاغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، جەمئىيەت يەنە تېخى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ جىنايىتى بار دەپ قارايدۇ، بىراق باي ئائىلىلەر بولسا بۇنداق جىنايەتكە دۇچ كەلمەيدۇ.

مەسىلەن، داڭلىق ناخشىچى جاستىن بىبېر (Justin Bieber) ۋە كىرىس بىروۋىن (Chris Brown) قاتارلىقلار كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان، بىراق ھازىر يەنىلا مۇزىكا ساھەسىدە داڭلىق شەخىس بولۇپ يۈرىۋاتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
04-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek