ئۇكىرائىنا پارلامېنتى 22-ئىيۇل ئۇكىرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو سۇنغان قىسمەن سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش بۇيرۇقىنى تەستىقلىدى، ئالاقىدار قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قىسمەن سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش بۇيرۇقى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 15 ئۇرۇش قىلىش قىسمى ۋە 44 ئۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش قىسمىنى كۆپەيتىدىكەن.
ئالاقىدار ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، بۇيرۇق كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن تارتىپ 45 كۈن ئىچىدە ئۇكىرائىنادىكى بارلىق رايونلار قىسمەن سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرىلىدۇ، قىسمەن سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش ئۇكىرائىنادىكى بىر ۋاقىتلىق ئەسكەر ئېلىش ئۇسۇلى، ئادەتتە دۆلەت خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇققاندا ھەربى كۈچنى كۈچەيتىشكە توغرا كەلگەندە بۇ ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇكىرائىنا پارلامېنتى كۆپ قېتىم قىسمەن سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش بۇيۇرۇقىنى ئىمزالىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved