ئامېرىكىدا «قانلىق يەكشەنبە» كۈنى خاتىرىلەندى

رېيتىر ئاگېنتلىقى 8-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىدا 50 يىل بۇرۇن قارا تەنلىكلەرنىڭ ئاۋاز بېرىش ھۇقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن يۈرۈش قىلغان كىشىلەرگە ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق مۇداخىلە قىلىنىشى بىلەن يۈز بەرگەن «قانلىق يەكشەنبە» ۋەقەسى ، ئالاباما شىتاتىنىڭ سەلما بازىرىدا خاتىرلەندى. پرېزىدېنت ئوباما 40 مىڭ كىشى بىلەن بىرلىكتە كوچىدا يۈرۈش پائالىيتى ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكىدا قارا تەنلىكلەرنىڭ ئوخشاش ئاۋاز بېرىش ھۇقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش سىمۋولىغا ئايلانغان «قانلىق يەكشەنبە» ۋەقەسى، 40 كىشى قاتناشقان يۈرۈش پائالىيتى بىلەن خاتىرلەندى. ئالاباما شىتاتىنىڭ سەلما بازىرىدا 1965-يىلى 7-مارتتىكى ۋەقە يۈز بەرگەن كۆۋرۈكتە ئۆتكۈزۈلگەن يۈرۈش ھەرىكىتىگە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىراك ئوبامامۇ قاتناشتى.
تەخمىنەن 40 مىڭ كىشى قاتناشقا يۈرۈش پائالىيىتىگە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىراك ئوباما ۋە سابىق پرېزىدېنت جورجى بوش ئائىلىسى بىلەن ۋە يەنە يۈزدىن كۆپ ئامېرىكا خەلق ۋەكىللىرى قاتناشتى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىراك ئوباما، «قارا تەنلىكلەرنىڭ باراۋەرلىك كۈرىشىگە نۇرغۇن ھەسسە قۇشۇلدى، ئەمما «قانلىق يەكشەنبە» ۋەقەسىدىن 50 يىل كېيىنمۇ يۈرۈشىمىز تۈگىمىدى، ئەمما نىشانغا يېقىنلىشىۋاتىمىز» دېدى.
ئوباما« بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتكەن ئامېركىلىقلارنىڭ بەلكى سانى ئاز ئىدى، ئەمما مىليونلارچە كىشىنىڭ جاسارىتى بار ئىدى. سايلامدا ئاۋازغا ئېرىشەلمىسىمۇ بۇ مىللەتكە رەھبەرلىك قىلدى» دېدى.
ئوباما، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى دوكلاتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ساقچىلارنىڭ قارا تەنلىكلەرگە قارىتا قاتتىق كۈچ ئىشلەتكەنلىكىنى ئ‍ەيىبلىدى. «قانلىق يەكشەنبە» ۋەقەسىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنى، ئامېرىكىدا قارا تەنلىكلەرگە قارىتا ساقچىلارنىڭ قاتتىق بېسىمى قىززىق نوقتا بولىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئامېرىكىدا ھەر يىلى مىڭلارچە كىشى ساقچىلارنىڭ ئوقى بىلەن ئۆلۈۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قارا تەنلىكلەر…
ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىنىڭ فىرگسۇن رايۇنىدا بىر قارا تەنلىك ياشنىڭ ساقچىنىڭ ئوق چىقىرىشى بىلەن ئۆلتۈرۈلىشىدىن كېيىن باشلانغان نامايىشلار، مەزكۇر رايۇندا قالايمىقانچلىق ۋە ھۆكۈمەتكە بويسۇنماسلىق ۋەقەلىرىگە يول ئاچتى.
1965-يىلى 7-مارتتا 600 نامايىشچى باراۋەر ئاۋاز ھۇقۇقىنى تەلەپ قىلىپ ھۆكۈمەت بىناسىغا مېڭىۋاتقىنىدا كۆۋرۈك ئۈستىدە ساقچىلارنىڭ قاتتىق مۇداخىلە قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.



09-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek