شيې گوجوڭ : ھۆكۈمەت پۇقرالارغا ئورەك كولاپ ئۇلارنى ئۇنىڭ ئىچىگە سەكرەتكۈزدى ،شۇڭا ھازىر پۇقرالارنىڭ ئۆي سېتۋالغىلى پۇلى يوق .
يىقىندا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا جۇڭگۇدا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى يۈز بىرىش بەرمەسلىك توغرىسدا نۇرغۇنلىغان مۇھاكىمىلەر ئوتتۇرغا چىقتى .يازغۇچىنىڭ قارشى بولسا جۇڭگۇ تېخى كەڭ كۆلەمدە پۇل مۇئامىلە كىرزىسى يۈز بەرگىدەك شەرىتلەرنى ھازىرلىمغانلىقىنى ،گەرچە قىسمەن بەزى ئورگانلاردا مەسلىلەر يۈز بىرىپ تۇرۋاتقان بولسىمۇ گۈلدۈرماما كىلدىغان ۋاقتى تېخى يىتىپ كەلمىگەن .
بىرىنجىدىن جۇڭگۇنىڭ ئىقتىساد تەرەققى قىلش سۈرئىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە كىرزىسنى قۇزغۇغۇدەك ئۇ ھالەتكە يەتمىگەن ،ئىككىنجىدىن ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشى تېخى بانكىغا ئەجەللىك زەربە بىرەلمەيدۇ ،ئۈچىنجىدىن پۇل مۇئامىلە سىستىمىسىنىڭ ئۆزىنى قوغداش قابىليىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلنىۋاتىدۇ .
سەۋەپلەرنىڭ بىرنجىسى پۇل مۇئامىلە سىستىمىسىنىڭ .ئچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى سودا بانكىسى ،لىكىن مەركىزى بانكا نۇرغۇنلىغان تەييارلىق فوندىنى توڭلىتىپ قويغان ،بۇ دەل كىرزىسىقا قارتا ساقلاپ قويۇلغان مەبلەغ ؛ ئىككىنجىسى قەرزگە ئىگە بولغۇچىلارنىڭ سانى چەكلىك ،بانكا ھەرگىزمۇ چەكلىمە قويماي تۇرۇپ قەرز بىرۋەرمەيدۇ ؛ ئۈچىنجىدىن بانكىنى نازارەت قىلش ھەيئىتىنىڭ يېڭى مەبلەغنى تولۇقلاش نىسبىتىگە بولغان تەلەپلىرى پىشاڭلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ .
گەرچە ياخشى بولمىغان قەرز بىرىشتە يۇقرى كۆتۈرلىش ئەھۋالى كۆرۈلسىمۇ ،تارماق بانكىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ خەۋىپ خەتەرلەرنى ئېلىپ كەلسىمۇ ،يەنىلا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنى پەيدا قىلالمايدۇ .
5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىقتىسادشۇناس شيې گوجوڭ يازغۇچىغا ھازىرقى مەسلە بولسا بانكىنىڭ ۋاستىلىك مەبەلغ يۈرۈشتۈرۈش تەنەرخى تۆۋەن ،بىردىغان قەرىزنى بىرەلمەيۋاتىدۇ ،ئۆلچەملەرنى تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ پايدىسى بولمايۋاتىدۇ .ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى بانكا قوبۇل قىلالمايۋاتىدۇ .
ئۆي باھاسى ئۆسكەن ۋاقىتلاردا بۇ داق مەسىللەرنى بانكىدىكىلەر نىمىشقا ئويلاشمايدۇ ؟ بۇ دەل ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كىيىن ھەرخىل مەسىللەر كۆرۈلسە ئەينى ۋاقىتتا نىمىشقا ھاراقنى ئىچسە بولدىغان بولمايدىغانلىقىنى ئويلاشمىغانغا ئوخشاش .
ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىدىغان بۇنداق تاينىۋىلىش كىسلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك .
بۇرۇن ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇردىغان بىرەر تال بىخنى بايقىسلا بانكىدىكىلەر .ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتەتتى ،بۇ كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا پۇلنىڭ M2 سى يۇقرى بولۇپ تۆۋەنلىمەسلىكىنىڭ ئاساسلىق يىلتىزنىڭ بىرى .
يازغۇچى كۆپ قېتىم بانكىنىڭ ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ ئۇنداق كۆپ قەرز بەرگىدەك پۇلنىڭ يوقلىقىنى ،قانۇن ھەم ئەمىليەنتنىڭ ھەرخىل ئاساسلىرنى تىلغا ئالغان . سودا بانكىسنىڭ قانۇنلىرىغا ئاساسلانغاندا سادا بانكىسنىڭ قەرز بىرىش بىلەن پۇل ئامانەت قويۇش نىسبىتى 75%تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرىك ،بۇ بانكىنىڭ مەبلەغ ئايلىنشى ئۈچۈن بەك مۇھىم ،نۇرغۇن كىشلەر بۇ تۈزۈمنى بىكار قىلۋىتشىنى تەلەپ قىلغان ،لىكىن بۇ مىنىڭچە بىر قاملاشمىغان ئىش .
بۇ بىر قىسىم قانۇن يولغا قويلىشتىن بۇرۇن نۇرغۇنلىغان بانكىلاردا ئامانەت-قەرز ئىشلىردا تەتۈر ئەھۋال كۆرۈلگەن ،يەنى قەرز پۇلى قالدۇقى ئامانەت پۇلى قالدۇقىدىن يۇقرى بولغان ،كىيىن ياخشى بولمىغان قەرش بىرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن ،ئەڭ ئاخىردا تۆت چوڭ مەبلەغىنى باشقۇرۇش شىركىتى قۇرۇلۇپ ياخشى بولمىغان قەرزبىرىش ئىشلىردىن يىراق تۇرغان.
«ھەركەتچان ساقلانما مەبلەغنى سۈرۈشتۇرۈش » بولسا بانكىنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولى .
مەركىزى بانكا سىتاستىكا ئۆلچەم سانلىق مەلۇماتلىرنىڭ كۆرسىتىلشىچە 2008 يىلىنڭ ئاخىردا پۈتۈن پۇل مۇئامىلە ئورگانلارنىڭ قەرز-ئامانەت نىسبىتى 66.9% ؛2009-يىلى قەرز-ئامانەت نىسبىتى 69.4%؛ 2014 –يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە قەرز-ئامانەت نىسبىتى ئۆسۈپ 71.4% كە يەتكەن . ئەگەر بۇنداق ۋاقىتتا ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتسە بانكىنى «سودا بەنكا قانۇن»غا خىلاپلىق قىلىشقا قۇتراتقانغا ، قەرز-ئامانەت نىسبىتى 75%كە جەڭ ئېلان قىلغانغا باراۋەر بولىدۇ .بانكىلارمۇ ئەھۋالى ياخشى بولمىغان ئوتتۇرا ھەم كىچىك تىپتىكى كارخانلارغا قەرز بىرشىمۇ تەسكە چۈشىدۇ ،بۇنداق بولسا پەقەت چوڭ خىرىدارلار بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ ،ئەڭ ئاخىردا دۆلەت كارخانلارنىڭ ،مەركىزى كارخانلارنىڭ مەبلەغ كۆپ بولۇپ يۇقرى باھادىمۇ يەر ئالالمايدىغان ،ئۆي باھاسمۇ ئۈزلۈكسىز يۇقىرلاپ كىتىدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ .
چوڭ تىپتىكى بانكلىلارنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 20% يۇقىرلىغان ، مەركىزى بانكا 200مىڭ مىليون ئامانەت پۇلىنى توڭلىتىپ قويغان .بۇ پۇل مۇئامىلە كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەمدە پۇل پاخاللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەييارلانغان مۇھىم مەبلەغ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە «سودا بانكىسى قانۇن»دا ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىش بانكىنىڭ كۆپلەپ قەرز بېرىش مەسىللىرنى ھەل قىلالمايدۇ دەپ ئىنىق بەلگىلەنگەن .
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 –يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىردىن بۇرۇن يىزا ئامانەت –قەرز كوپراتىپى يىزائىگىلىك بانكىسى تەرپىدىن باشقۇرلاتتى ،يىزا بازار ئامانەت –قەرز كوپراتىپى يىزا ئىگىلىك بانكىسنىڭ يىزا بازار تىجارەت ئورنىغا تەييارلىق فوندى تاپشۇراتتى .1996 –يلى يىزا ئىگىلىك بانكىسى بىلەن يىزا ئامانەت –قەرز كوپراتىپى بۆلۈنگەن چاغلاردا يىزا ئىگىلىك بانكىسنىڭ تىجارەت ئورنىدا كۆپ مىقداردا ياخشى بولمىغان قەرز بىرىش ئېلىش يۈز بەرگەن ،لىكىن يىزا ئامانەت –قەرز كوپراتىپىنىڭ كۆپ مىقداردا تەييارلىق فوندىسنىڭ ساقلانغانلىقىدىن ،پۇل قەرز بىرىشىنىڭ بەك ئازلىقى سەۋەبىدىن مال-مۈلۈك سۈپيى يىزا ئىگلىك بانكىسدىن يۇقرى بولغان .
تارىخ بىلەن ئەمىليەت قايتا –قايتا بانكىنىڭ قەرز بىرشىگە قارتا يولغا قويۇلغان قائىدە-قانۇن چەكلىملىرى بىلەن تەييارلىق فوندى چەكلىملىرنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى .
چوڭ تىپتىكى بانكىلارنىڭ ئىچىدە يىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ قەرز بىرىش بىلەن پۇل ئامانەت قويۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ ،ئاران 60 % ئىكەن . پوچتا بانكىسنىڭ تارىخ سەۋەبىدىن ئاران 30%، كەلگۈسدە يىزا ئىگلىك بانكىسى بىلەن پوچتا بانكىسنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولشىدا گەپ يوق ئەلۋەتتە .
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved