سوۋگۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .سوۋگۇا تورىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانى قوللاش نىسبىتى قايتىدىن يەنە %50 كە ئۆرلەپ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.
ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى ۋە ئامېرىكا رادىيو شىركىتىنىڭ 19-يانۋار ئېلان قىلغان بىرلەشمە ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، %50 ئامېرىكىلىق ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭلۇق خىزمىتىدىن رازى ئىكەنلىكىنى ھەم قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، % 44 ئامېرىكىلىق ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، ھازىر زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ قوللاش نىسبىتى 2013-يىلى باھاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى پۈتۈن بىر يىلدا ئوبامانىڭ قوللاش نىسبىتى %42 نى ساقلاپ كەلگەنىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا كۆچمەنلەر ئىسلاھاتى يېڭى سىياسىتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ قوللاش نىسبىتى ئىزچىل ھالدا يۇقىرى ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرغان. بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %48 ئامېرىكىلىق زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئىپادىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، %47 ئامېرىكىلىق ئوبامانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىپادىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، %40 ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ قارىشىچە، پارلامېنت جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئوبامانىڭ ئامېرىكا دۇچ كەلگەن چوڭ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىقتىدارى تېخىمۇ چوڭ ئىكەن، پەقەت %36 ئامېرىكا پۇقراسىلا بۇنىڭغا قارشى پىكىرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە، گەرچە زۇڭتۇڭ ئوبامانى قوللاش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ « ئامېرىكا نۆۋەتتە توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتامدۇ يوق؟ » دېگەن مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشىدا يەنىلا ئىختىلاپ كۆرۈلگەن بولۇپ، % 39 ئامېرىكا پۇقراسىلا ئامېرىكا نۆۋەتتە توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ دەپ قارىغان، لېكىن %56 ئامېرىكا پۇقراسى بولسا ئامېرىكا نۆۋەتتە خاتا يولدا تۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ ، دەپ قارىغان.
مىننەتدارلىق بايرىمىنىڭ ھارپىسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما پايتەخت ۋاشىنگىتوندا نامراتلارغا يېمەكلىك تارقاتتى .ئەمما يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەل رايى تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا نۆۋەتتە ئوبامانى قوللاش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا يېقىنلاشقان .
شۇ كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما رەپىقىسى مىچىل ،ئىككى قىزى ۋە مىچىلنىڭ ئاپىسىنى ئېلىپ ۋاشىنگتوننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر يېمەكلىك بازىسى خەيرى ساخاۋەت تەشكىلاتىغا بېرىپ ، ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقان ياشانغانلار ۋە بالىلارغا كۆكتات ۋە بولكا تارقىتىپ بەردى .ئوباما ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقانلار بىلەن بىر بىرلەپ سالاملاشتى ھەمدە خالتا --خالتا تاتلىق بەرەنگىلەرنى ئۇلارغا تارقىتىپ بەردى .ئەمما ئوبامانىڭ نۆۋەتتىكى ئەل رايى قوللاش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن بۇلۇپ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا يېقىنلاشقان .
شۇ جاي ۋاقتى 18-نويابىردىن 23-نويابىرغىچە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تىزىملىكىنى رويخەتكە ئالدۇرغان 1623 سايلىغۇچىنى تېلېفوندا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئوبامانى قوللاش نىسبىتى 29% كە چۈشكەن ،بۇ ئۇنىڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى رېكورتى 38% كە يېقىنلاشقان ،تەھلىلچىلەر ئوباما يولغا قويغان كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ كۆپ قېتىم ئەيىبلەشكە ئۇچرىغانلىقى ئەل رايىدىكى قوللاش نىسبىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى .
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، ئوبامانىڭ ئامما كۆڭلىدىكى ئوبرازى خۇنۇكلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، %47 كىشى ئوباماغا سېلىشتۇرغاندا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە بەكرەك ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئوبامانى ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان كىشى ئاران %42 بولغان. ئىگىلىنىشىچە، كۆپ سانلىق ئامېرىكىلىقلار جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا پارلامېنتنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، %51 ئامما بۇ قاراشنى قوللاپ، %37 ئامما قارشى تۇرغان.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved