ساھىبجامال ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى

    «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» بۇلتۇر 30-دېكابىر ئېلان قىلغان«پاكىستان ئۈچ خىل ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ساھىپجامال ھىيلىسى ئىشلىتىپ، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيە ئەسكىرىدىن مەخپىيەتلىككە ئېرىشتى»دېگەن ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى رانجىت ئەنگىلىيەلىك بىر ئايال تورداشنىڭ ئىجدىمائىي ئالاقە تورىدا دوستلىشىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان. كېيىن ئۇلارنىڭ دوسلۇقى كۈچىيىپ ، مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېققىنلاشقان. شۇنىڭ بىلەن ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ياش دەپ ئويلىغان. رانجىت ئەسلىدىنلا تورغا خۇمار بولۇپ، ئۇ ئەنگىلىيەلىك ئايال بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن توردىن تېخىمۇ ئايرىلالماس بولۇپ قالغان. ئۇ ئايالنىڭ توربېتىگە قالدۇرغان ئۇچۇرىدا، تۇرۇشلۇق ئورنۇم ئەنگىلىيە لىدىس شەھىرى، شۇ جايدىكى تەھرىراتتا ئاز-تولا ئەمىلىم بار دېيىلگەن. رانجىت ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككىنجى دەرىجىلىك ئەسكىرى بولۇپ، ئايروپىلان ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەن. بۇ ئايال توردا پاراڭلاشقاچ رانجۇتنى ئازدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ ئاخبارات ژۇرنىلىغا ماتىرىيال توپلىماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان ، ئۇيەنە تەھرىرات نامىدا رانجىتنى زىيارەتمۇ قىلغان. ئەس – ھوشۇنىي يوقاتقان رانجىت بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ يەتمىگەن ھەم ئۇنىڭدىن ھەق ئېلىپ بىرئاز پۇل تېپىۋالدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغان.ئايال بىر كۈنى رانجىتتىن گۋايورغا جايلاشقان ھەربىي ئەسلىھەلەرگە ئائىت ئىشلارنى سورىغان. رانجىت بۇ ھەبىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلگەچكە رەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئايال ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارلىغان ھەمدە پاراڭلىشىش خاتىرىسى بىلەن بۇرۇن تەمىنلىگەن ئاخباراتلارنى پەش قىلىپ ئۇنىڭغا قوقاق سالغان.

رانجىت پاكىستان ئۈچ خىل ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسى جاسوسىنىڭ ساھىبجامال ھىيلىسىگە ئالدانغانلىقىنى بىلگىنىدە بەكلا كېچىككەن. بۇ ئىشلارنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن رانجىت ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم ئىچكى ماتىرىيالىنى ئۇ ئايال كىشىگە ئاپىرىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن پاكىستان ئۈچ خىل ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا سايىدەك ئەگىشىپ، ھەرخىل ئاخباراتلارغا ئېرىشىپ تۇرغان.

    رانجىت ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مانېۋىر ئۇچۇرى، ئايروپىلانىنىڭ يۆتكىلىش ئەھۋالى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ جايلىشىشغا ئالاقىدار ئاخباراتنى ئاشكارلىغان. ھىندىستان ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە دېھلى ساقچىلىرى 28-دېكابىر رانجىتنى قولغا ئالغان ، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىمۇ ئۇنى ئىشتىن بوشاتقان. ساقچى تەرەپنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ، ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسى رانجىتنىڭ ئالاقە ئۇچۇرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ھەمدە ئۇنى نەچچە ئاي نازارەت قىلغانلىقىنى ئاشكارلىغان. رانجىت نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا سوراق قىلنغان.

   «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» تورىنىڭ بۇلتۇر 30-دېكابىردىكى «پاكىستان ئۈچ خىل ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسىگە ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلىغۇچى قولغا ئېلىندى» سەلەۋھىلىك ماقالىسىدە بىر ئاي ئىچىدە ھىندىستان سۆلەت مۇداپىئە سىېستىمىسىدىن ئىككى پاكىستان جاسوسى پاش قىلىندى، قولغا ئېلىنغان جاسوس ئاشكارلىغان ئاخباراتلار ئىنتايىن مەخپىي ئىدى. بۇ پاكىستاننىڭ ئاخبارات ئىگىلەش ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاستە قوللىنىشتىن يانمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، دېيىلگەن.

ھىندىستان ھەربىي قوماندانى: گۋاليورنىڭ بىر تەرىپىگ جايلاشقان ھەربىي ئەسلىھەلەر ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە نىسپەتەن ناھايىتى مۇھىم ، ئۇ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەرقانداق ئۇرۇشتا ئىستراتېگىيەلىك رول ئوينايدۇ، دېگەن.



خەتكۈچلەر:
07-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
Powered by Leglek