دۇنيا پۇل-مۇئامىلە يوشۇرۇن قائىدىسى ئاشكارىلاندى: 6چوڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتكە 5مىليارد 800مىليون دوللار جەرىمانە قويۇلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لوندون بانكىسىنىڭ پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرى ئارا پارچىلاش ئۆسۈمى ۋە پۇل كۇرسى بازىرى دىلوسى ئاخىرلاشتى. باركلاي بانكىسى، شوتلاندىيە خان جەمەتى بانكىسى، گۈللۈك بايراق بانكىسى، مورگان چېيس، شۋېتسارىيە بانكىسى ۋە ئامېرىكا بانكىسى قاتارلىق دۇنيادىكى ئالتە چوڭ دۆلەت ھالقىغان بانكا ئامېرىكا ئەدىلىيە مىنىستىرلىكى ۋە ئامېرىكا زاپاس پۇل مىنىستىرلىكىگە 5مىليارد 800مىليون دوللار جەرىمانە تۆلەپ، لوندون بانكىسىنىڭ پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرى ئارا پارچىلاش ئۆسۈمى ۋە پۇل كۇرسى بازىرىنى كونترول قىلىشقا چېتىشلىق دىلونى تەكشۈرۈپ كېلىشتۈرۈشكە قوشۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 5بانكا مۇناسىۋەتلىك جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈپ كونترول قىلىش بويىچە جىنايىتى بېكىتىلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved