سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىنى ئاجىزلىتىشى مۇمكىن، ئەمما خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنيادىكى بىرىنچى پۇل بولالىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى پىراساد تەييارلىغان بۇ دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خەلق پۇلى ياپونىيە يىنى، ياۋرو ۋە فۇندېستىرلىڭنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىنىمۇ سەل ئاجىزلىتىدىكەن.
مەزكۇر دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، جۇڭگو كەلگۈسى 3-5 يىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى قاتتىق كونترول قىلىش ھالىتىنى ئومۇمىي گەۋدە بۇيىچە قۇيىۋېتىلگەن ھالەتكە ئۆزگەرتىدىكەن.
دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كەڭ دائىرلىك ئىسلاھات تەدبىرىنى قوللانغاندىلا ئاندىن خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئوخشاش مەبلەغ سالۇچىلار كرزىستا تايىنىدىغان « بىخەتەر جەننەت » پۇلغا ئايلاندۇرالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved