بىر ئەر ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن 80 دەك ماشىنىنى چېقىۋەتتى


نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تارتىۋالغان سۈرەت: جاڭ فامىلىلىك بىر كىشى رېنۋېن جيايۈەنگە بېرىپ «چارلىدى».

بۇ ئەر يەر ئاستىدىكى ماشىنا توختىتىدىغان جايدا ماشىنىغا قول سالدى.


داجۇڭ تورىنىڭ 12 – دېكابىر جىنىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئائىلىدىكى ماجرا سەۋەبلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە سودىدا مەغلۇب بولغانلىقى ئۈچۈن، قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن جاڭ فامىلىلىك ئەر ياخشى ماشىنا ھەيدەيدىغان، ياخشى ئۆيدە تۇرۇدىغان «پۇلدار» لارغا قارىتا ئۆچ ئېلىش نىيىتى تۇغۇلدى، ئۇ ئالىي رايونلارغا قايتا قايتا كىرىپ چىقىپ، بېنز قاتارلىق ئېسىل ماركىلىق 80 نەچچە ماشىنىغا «قارا قول» تەگكۈزدى. 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندىن ئاشقاندا، ئىككى ئايغا يېقىن تارتىلغان سىن لېنتىسى توپلاش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ساقچى تەرەپ ئاخىرى جىنايەت گۇماندارى يەنى جاڭ فامىلىلىك كىشىنى ئۆزىنىڭ دۇكىنىدا تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتار ماشىنا چېقىش دېلوسى پاش بولدى.

ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن «پۇلدار» لاردىن تەلۋىلەرچە ئۆچ ئېلىش.

بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن جوۋ فامىلىلىك بۇ كىشى بولسا ۋېنشاڭ ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر كەنتنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئۇ ئاليۇمىن قېتىشمىسى پىششىقلاپ ئىشلەش ھۈنىرىنى ئۆگەنگەن، شۇنىڭ بىلەن جىنىڭغا كېلىپ ئۆزىگە تەۋە بولغان بىر ئاليۇمىن قېتىشمىسى پىششىقلاپ ئىشلەش دۇكىنى ئېچىۋالغان. گەرچە دۇكان كىچىك بولسىمۇ، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خېلى كۆپ پۇل تاپقان، ماشىنا سېتىۋالغان، ئۆي سېتىۋالغان. تۇرمۇشىمۇ بارغانچە ياخشىلانغان. بىراق «ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەنىڭ ئوتى يوق» دېگەندە ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ماجرا قۇرىمىغان، شۇنىڭ بىلەن دۇكانغا قاراشقا رايى بارماي كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان ئارىلىقتا 70 – 80 تۈمەن يۈەن زىيان تارتقان. بىر قېتىم جاڭ فامىلىلىك بۇ ئەر ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا، بىر ئېسىل ماشىنا ئۇنى مەجبۇرىي يانداپ ئۆتۈپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىدا ئۆچ ئېلىش ئىستىكى تۇغۇلغان. ئۇ چوقۇم ئۆچ ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم ئىچكەن، بولۇپمۇ ئېسىل ماشىنا ھەيدەپ، ئېسىل ئۆيدە تۇرۇدىغان پۇلدارلاردىن ئۆچ ئېلىشقا نىيەت باغلىغان. 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنى كەچقۇرۇن، ئازراق ھاراق ئىچىپ قىزىۋالغان جاڭ فامىلىلىك ئەر كېچە قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ، سۇمرۇغ قۇياش شەھەرچىسىگە كىرىپ، بىر بېنز ماشىنىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن يولدىن بىر تاش پارچىسىنى ئېلىپلا بۇ ماشىنىنى ئۇرۇشقا باشلىغان. ئارقىدىن يەنە نەچچە ئون تۈمەنلىك ماشىنىدىن نەچچىسىمۇ ئۇنىڭ قولىدا «ئامان» قالمىغان.

قارلىق كېچىدە تەلۋىلەرچە ماشىنا چېقىپ دېلو سادىر قىلىپ، ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش.

11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى يەنى 2015 – يىل تۇنجى قار ياغقان كۈنى كېچىدە، جاڭ فامىلىلىك ئەر يەنە بىر قېتىم ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن، قارلىق كېچىدە پىيادىلەر ۋە ماشىنا ئاز بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يېڭى تەنتەربىيە سارىيى ئەتراپىدىكى قاۋاقخانا كوچىسىغا كىرىپ، ئېسىل ماشىنىلارنى چاقماقچى بولغان، بىراق يولدىن تاكسى ئۆتۈپ قالغاچقا قول سالالمىغان. كېيىن يەنە رېنۋېن جيايۈەن، لوما جيارى قاتارلىق مەھەللىلەرگە كىرىپ ماشىنا چاققان. ساقچىلار سوراق داۋامىدا جاڭ فامىلىلىك ئۆز جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، ماشىنا چېقىش جەريانىدا ئۇ راسا پۇخادىن چىققان، بىراق ماشىنىنى چېقىپ بولۇپلا پۇشايمان قىلغان، ئۆزىنىڭ بايقىلىپ قېلىشىدىن قورققان، ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشتىن تېخىمۇ قورققان. بىراق، ئۆچ ئېلىش خىيالى ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن. ماشىنىنى چېقىپلا قالماي بەلكى يەنە ماشىنا ئىچىدە نەق پۇل، يانفون، تاماكا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۇچرىتىپ قالسا چۆنتەككە سېلىپلا ئېلىپ ماڭغان. بۇ نەرسىلەرنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن داۋاملىق دېلو سادىر قىلغان. مانا مۇشۇنداق قىلىپ، جاڭ فامىلىلىك ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، 80 نەچچە ماشىنىنىڭ بېشىغا چىققان.

مەزكۇر دېلونى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بىر ساقچى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن، ئىككى ئايغا يېقىن تەكشۈرۈش داۋامىدا، نازارەتچىلىك سىن لېنتىسى ئارقىلىق جاڭ فامىلىلىكنىڭ دېلو سادىر قىلغانلىقىغا دائىر دەلىل ئىسپاتلارنى قولغا چۈشۈرگەن. جاڭ فامىلىلىك ئەر دېلو سادىر قىلغاندا نىقابلانمىغان، بىراق كامېرادىن ئۆزىنى قاچۇرغان، بىراق ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنى ئاشكارىلاپ قويغان. 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەن، نۇرغۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ساقچىلار ئىزدەپ كېلىۋاتقان بۇ كىشى ئاخىرى دەيجۇاڭ ئەتراپىدا غايىپ بولغان، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار شۇ ئەتراپقا ئادەم قويۇپ، دەيجۇاڭ ئەتراپىدا ئۇنى قولغا چۈشۈرگەن. ھازىر جاڭ فامىلىلىك بۇ ئەر ئۆز جىنايىتىنى پۈتۈنلەي ئىقرار قىلدى، ئەمدى ئۇنىڭ كۈتىدىغىنى قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىدۇر.



خەتكۈچلەر:
14-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيا...
26-04-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ناسىپجان مامۇت، قۇرباننىسا كىچىك خەۋىرى، فوتوسى: ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىلتاغ يېزىسىدىن گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى خۇيجۇ شەھىرى خۇيدۇڭ ناھىيەسى «داتوڭ يىڭ» چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ ئىشلەۋاتقان 10 ج...
25-04-2016
   ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بىرى بولغان «دۇنيا گېزىتى»نىڭ بىر قېتىملىق زىيارىتىدە پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق پۇتبول چولپىنى فىگو خانلىق مادرىد كوماندىسىدا بىللە توپ تەپكەن سەپدىشى زىدانىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى ناھايىتى ھ...
25-04-2016
    شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 24-ئاپرېل تېلېگراممىسى: 24-ئاپرېل، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، جىنجەي ناھىيەسىگە بېرىپ ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:30 لاردا، ب...
25-04-2016
    ئاۋىستىرالىيە تاراتقۇسىنىڭ 24-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋىستىرالىيەدە بىر ئەر ئايرودرومدا چاقچاق قىلىپ ئوغلىنىڭ يۈك-تاقى ئارىسىدا پارتلاتقۇچ بومبا بار دېگەنلىكتىن، 2500 ئاۋىستىرالىيە دوللىرى (تەخمىنەن 12500 يۈەن) جەرىما...
25-04-2016
     2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، نەنجىڭ، شۇ كۈنى بىر ئەر بىنادىن يىقىلىپ پەستىكى چاتقاللىق ئارىسىغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، 110 ۋە 120 قاتارلىق تارماقلار دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ ب...
25-04-2016
ياپونىيە سايتاما باغۋەن ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىساد ئىلمى دوكتورى ئەخمەت نىياز ئەپەندىنى مەخسۇس زىيارەت شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن مۇدىر دىكتور ماھىنۇر ئەخمەت    &n...
24-04-2016
ئەدەبىياتشۇناس ئازات سۇلتان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا. ئۆز مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرى خەۋىرى، ئەيبۇ ياقۇپ فوتوسى:      پېشقەدەم ئەدىب، ئەدەبىي تەرجىمان، مول ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى، قابىل تەشكىلاتچى مۇھەممەد شا...
24-04-2016
    ساننىي دېئولنىڭ ئەڭ يېقىنقى فىلىمى 2-ئايدا قويۇلدى. كەلگۈسى پىلانى توغرۇلۇق توختالغاندا ساننىي دېئول ئوغلى كاراننىڭ بوللىۋود ھاياتىنى باشلاشقا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.     «بۇ فىلىمدىن كېي...
24-04-2016
    دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئاز بولمىغان رەھبەرلەر پۇتبولنى ياخشى كۆرۈپلا قالماي، ئۇلار يەنە پۇتبول مەستانىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، كۈندىلىك خىزمەت بىلەن ناھايىتى ئالدىراش يۈرىدىغان دۆلەت رەھبەرلىرى ئىچىدە، كىم پۇتبول...
Powered by Leglek