ياشىن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى ئولتۇراق رايون سۇ ئىشلىتىش ھەققىنى 1.16 يۈەن ھەر كۇب مېتىردىن ھەر كۇب مىتىرىنى 1.66 يۈەنگە ئۆستۈردى . باھا ئۆستۈرگەندىن كېيىن بىر قىسىم ئاھالە قىزىق لېنىيەگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلدى ، بىر قىسىم ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا سۇ باھاسىنى 0.5 يۈەن ئۆستۈرمىدى . يەنە بىر قىسىم قوشنا رايونلارنىڭ سۇ باھاسىمۇ ئوخشاش ئەمەس ئىكەن .
يېقىندا ئۆيى قۇمۇل يولى بىر ئولتۇراق رايونىدىكى شۆ خانىم بۇ ئولتۇراق رايونىنىڭ خوجىلىق بۆلۈمگە سۇ سېتىۋېلىش ئۈچۈن بارغاندىن كېيىن سۇ باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرگەندىن كېيىن سۇ باھاسىنىڭ 4.1 يۈەن ھەر كۇب مېتىر ئىكەنلىكىنى بايقىغان ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر بىر كۇب مېتىر سۇنىڭ شەھەر ئەخلىتىنى بىرتەرەپ قىلىش ۋاكالىتەن يىغىش ھەققى 1 يۈەن ئىكەن .
بۇرۇن بىزنىڭ ئولتۇراق رايونىدا ھەر كۇب مېتىر سۇنىڭ باھاسى 3.1 يۈەن ئىدىم ھازىر ھەر كۇب مېتىر سۇنىڭ باھاسى ساقمۇ ساق بىر يۈەن ئۆسكەن . بۇنى چۈشەنمىگەن شۆ خانىم خوجىلىق باشقۇرۇش ئورنىدىكى خىزمەتچىلىرىدىن سۈرۈشتە قىلسا ئۇلار قوشقان بىر يۈەن سۇ ئېقىشنى رىمۇت قىلىش ھەققى ئىكەن . شۆ خانىمنىڭ تېخىمۇ بەك چۈشەنمىگىنى بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر تام خوشنا ئولتۇراق رايونىدا ھەر كۇب مېتىر سۇنىڭ باھاسى 3.6 يۈەن ئىكەن .
يېڭى يىل مەزگىلىدە مىدۇڭ رايونىدىكى بىر ئىگىز قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇرىدىغان ۋاڭ خانىم سۇ پۇلى تاپشۇرغان ۋاقىتتا ھەر كۇب مېتىر سۇنىڭ باھاسى 4.37 يۈەن ئىكەنلىكىنى بايقىغان . خوجىلىق باشقۇرۇش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەردىن سۈرۈشتە قىلسا ھەر كۇب مېتىر 0.52 يۈەن ئۆستى ، سۇ ئېقىشنى ئوڭشاش ھەققى 0.25 يۈەن ، سۇ ھەققىنىڭ قايسى ئۆلچەم بويىچە پۇل يىغىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان .
![]() |
يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.
5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved