يىپەك يولىدىكى مىسىر بىلەن جۇڭگو، مىسىر جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۈزلىنىشى مۇنبىرى 28- يانۋار قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلدى. مىسىرنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى ھىلمى نامۇنا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يىپەك يولىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىككى دۆلەت بۇ ئاساستا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى باشلاشتا يېڭى دەۋرگە كېرىدۇ.
نامۇنا سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، بۇندىن 2 مىڭ يىل ئىلگىرى، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يىپەك يولى ئىككى دۆلەتنى تۇتاشتۇرغان.
جۇڭگو دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن شاۋخوڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن مىسىر دۇنيادىكى ئىككى چوڭ مەدەنىيەتلىك قەدىمى دۆلەت، ئىككى دۆلەت ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى قوشتى، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ پەخرى، يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. 2015- يىلى جۇڭگو مىسىردىن 354 خىل كىتاب ئىمپورت قىلدى، مىسىرغا ئېكسپورت قىلغان كىتاب 254 خىلغا يەتتى.
بىر بەلباغ بىر يول، پۇرسەت ۋە خېرس دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ يىۋېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ بىر يول ئىستراتېگىيەسىدە سىياسىي جەھەتتە ئالاقىلىشىش، ئۇل ئەسلىھەنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە جەھەتتە ئالاقىلىشىش ۋە ئەل رايىنى بىرلەشتۈرۈش تەشەببۇس قىلىندى، بۇ بەش ئالاقە سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئىقتىسادىنى بىرلەشتۈرۈش، مەدەنىيەت جەھەتتە كەڭ قۇرساق بولۇشتەك مەنپەئەت، تەقدىر ۋە مەسئۇلىيەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ مىسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بەلباغ بىر يول لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇنبەر 47- نۆۋەتلىك قاھىرە خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىدىكى نۇقتىلىق پائالىيەتلەرنىڭ بېرى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved