جەنۇبىي كورىيە مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىللىق ئىستېمال ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە سامسۇڭ ۋە LG يېڭى ئائىلە ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرىنى نامايان قىلغان، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كۆچۈرمىكەشلىكى سەۋەبلىك، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تەسىر كۈچى سۇسلاشقان.
كۆچۈرمىكەشلىك مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ، ئۆتكەن نەچچە يىلدا جۇڭگو پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى چوڭ تىپتىكى خەلقئارا يەرمەنكىلەردە دىققەتنى تارتىش ئۈچۈن، بەس-بەستە سامسۇڭ، LG مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى بىلەن ئىنتايىن ئوخشايدىغان مەھسۇلات چىقاردى، باھاسى تېخىمۇ ئەرزان.
بۇ يىللىق ئىستېمال ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدىمۇ شۇنداق قىلدى، جۇڭگو-پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى بىر تەرەپتىن تاجاۋۇز خاراكتېرىدىكى باھادا تاماشىبىنلارنى جەلىپ قىلىشنى ئۈمىد قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيادىكى ئىلغار پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بىلەن سىرتقى كۆرۈنىشى ئوخشاش مەھسۇلات تەمىنلىدى.
جۇڭگونىڭ كۆچۈرمىكەشلىك مەسىلىسى كىشىنى بارغانسېرى ئەندىشىگە سالماقتا، شۇڭا جەنۇبىي كورىيە ئىستېمال ئېلېكترون ماگناتلىرى مۇھىم مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش يولىنى ئېلان قىلغاندا تېخىمۇ پاسسىپ بولدى.
سامسۇڭنىڭ بىرلەشمە CEOسى يۇن بۇ-كېن شىركەت ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى بۆلۈمىگە مەسئۇل، ئۇ جەنۇبىي كورىيە مۇخبىرلىرى بىلەن يىغىن ئاچقاندا تەپسىلىي مەھسۇلات ئىشلەش پىلانىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى. يۇن بۇ-كېن شىركەتنىڭ پەقەت باشقا كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئامالى ئىزدەۋاتقانلىقىنى دېدى.
يەرمەنكىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، نۇرغۇن تاماشىبىنلار ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزورلارنى كۆردى. سامسۇڭ ئېلېكترونچىلىقى ۋە LG تېلىۋىزور بازىرىدىكى باشلامچى بولۇپ، ئۇلار چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزورغا تورلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشۇپ، پەرقلىق قىلىش نىشانىغا يەتتى.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved