يانفۇندا تورغا چىققۇچىلار سانى تۇنجى قېتىم كومپىيۇتېر(PC) ئابونتلىرىدىن ئىشىپ كەتتى

گۇڭجۇ كۈندىلىك گېزىتى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئەقلىي تىلىفۇن دەۋرىدە، كوچا – كويلاردىكى تېلىفۇن سەۋدالىرىنى ھەرجايدا كۆرۈپ تۇرىمىز، نۆۋەتتە تېلىفۇن ئارقىلىق تور زىيارەت قىلىدىغان ئەھۋال تېخىمۇ باش كۆتۈردى. نەچچە كۈن ئاۋۋال ئىلان قىلىنغان "جوڭگۇ تور تەرەققىيات ئەھۋالى سىتاستىكا دوكىلاتى" دا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يىرىم يىلدىن باشلاپ، يان تىلىفۇن تور زىيارەتچىلىرىنىڭ سانى تۇنجى قېتىم كومپىيۇتېر تور زىيارەتچىلىرى سانىدىن ئىشىپ، يان تېلىفۇننى ئاسا قىلغان كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئەڭ چوڭ تور زىيارەت قورالىغا ئايلىنىپ قالغان.


مەزكۇر دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يىرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە تور ئابونىتلىرى سانى 632 مىليۇن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 14 مىليۇن 420 مىڭ تور ئابونتى كۆپەيگەن. ئېنتىرنىت تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى 46.9% بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە سىلىشتۇرغاندا 1.1% ئاشقان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى: يان تېلىفۇن تور ئابونتلىرىنىڭ سانى 527 مىليۇنغا يىتىپ، 2013 – يىل ئاخىرىدىكىدىن 26 مىليۇن 990 مىڭ ئابونىت كۆپەيگەن. تور ئابوىتلىرى ئىچىدە يانفۇن ئارقىلىق تور زىيارەت قىلغۇچىلار نىسبىتى 2013 – يىلىدىكى 81.0% دىن ئىشىپ، 83.4% گە يەتكەن. بۇنىڭلىق بىلەن تۇنجى قېتىم يانفۇن تور ئابونتلىرىنىڭ نىسبىتى كومپىيۇتېر تور ئابونىتلىرىنىڭكىدىن(80.9%) ئىشىپ كەتكەن. يەنە بىر جەھەتتىن بۇ ئەقلىي يانفۇنلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تىلىفۇنلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشىدىن ئىبارەت ئومۇمىي ھالەتنىڭ ئاساسەن تاماملانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. يان تېلىفۇن ئويۇنلىرىنىڭ ئىشلىتلىشى 47% گە يىتىپ، بۇلتۇرقىدىن 4.7% ئاشقان. ئومۇمى كۆلەمدە 36 مىليۇن 480 مىڭ ئابونت ئىشىپ، ئويۇن ساھەسىدىكى ئاساسلىق كۈچكە ئايلانغان.


پۇل تۆلەش دېتاللىرى تور ۋە يانفۇن ئابونىتلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان قورالىغان ئايلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە يانفۇندا پۇل تۆلەش دېتاللىرىنىڭ ئابونتلىرى يىرىم يىلدا63.4% يۇقىرلاپ، ئىشلىتىش نىسبىتى بۇلتۇرقى 25.1% دىن 38.9% گە يەتكەن. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى بىلەن سىلىشتۇرغاندا، تېلىفۇندا مال سېتىۋىلىدىغان، تېلىفۇندا توپ مال سېتىۋىلىدىغان، تېلىفۇندا ساياھەتچىلىكنى ئالدىن زاكاز قىىلىدىغان ئابونتلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم ھالدا 42.0%، 25.5% 65.4% بولغان.
بىراق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى ۋە زىيارەت مىقدارى ئىزچىل تۆۋەنلىگەن. ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 20 مىليۇن 470 مىڭ ئازلىغان، زىيارەت مىقدارى 4.3% تۆۋەنلىگەن. بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تۈرىدىكى دېتاللارنىڭ(مەسىلەن: ئۈندىدار) ئىجتىمائىي ئالاقە توربەتلىرىگە زور كىرزىس ئېلىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.



خەتكۈچلەر:
28-08-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: IT ئائىلىسى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-03-2016
لېيجۈن :مەن ھەركۈنى 3مىنۇتتا چۈشلۈك تاماق يەيمەن مېنىڭ ئاجىزلىقىم مەن باشقىلارغا دېيەلمەيمەن .باشقىلارنى خا پا قىلىپ قويۇشنى خالىمايمەن . مەن بەك يۈزۈم چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقىمەن ، شۇڭا مەن بۇ ئۇرۇندا بەك ھارىمەن . لېي ج...
16-03-2016
گوگىل سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى قورشاۋ شاھماتتا ئىنساننى يەڭدى گوگىل شېركىتى ئاچقان سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قورشاھ شاھماتتىن ئىبارەت جوڭگۇنىڭ قەدىمكى ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى 4 تە بىر نەتى...
06-02-2016
        ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭ...
06-02-2016
       يانفون ساھەسىنىڭ كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدە، يانفون زاۋۇتى ياخشى سېتىش مىقدارى ياراتماقچى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بىر مەسىلە بولىدۇ، پاسونى يەنە بىر مەسىلە بولىدۇ، يېقىندا بىر تورداش سۈزۈك Lumia ئەقلىيفونى (N...
06-02-2016
       ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە تور مۇلازىمەت ئانالىز شىركىتى ‹‹ئوچۇق سىگنال›› (OpenSignal) يېقىندا پۈتۈن يەر شارى كۆچمە تور دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ...
06-02-2016
       تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا ي...
06-02-2016
       بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.   ...
05-02-2016
           پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
05-02-2016
       Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوق...
05-02-2016
        ئالما شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ شىركەت يېڭىدىن يولغا قويغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى Apple Pay ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن كۆپرەك پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، Crate & Barr...
Powered by Leglek