«بىرۇسپان گېزىتى» نىڭ 7–يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە برۇسپاندا 1–ئاينىڭ 6–كۈنى بىر ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بەرگەن. ئىككى ئايلىق بولغان بىر قىز بوۋاق چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇنىڭ جۇڭگو پۇشتىدىن بولغان ئانىسى ۋە چوڭ ئانىسى ئېغىر يارىلانغان، باش جىنايەتچى بۇ بالىنىڭ چوڭ دادىسى ئىكەن.
شۇ جاي ۋاقتى 6–چىسلا چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىم ئەتراپىدا، 28 ياشلىق ساۋ يۈەنيۈەن چىرقىرىغىنىچە ئۆيدىن تالاغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، قوشنىلىرىدىن ياردەم سورىغان. ئۆي ئىچىدە، ئۇنىڭ بۆشۈكتىكى قىزى پىچاق يەپ ئېغىر يارىلانغان، ئۇنىڭ ئانىسىمۇ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان، يەنى بەدىنىدە ئېنىق پىچاقنىڭ ئىزى قالغان. بىچارە قىز بوۋاق شۇ كۈنى كەچكە يېقىن دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان. ساۋ يۈەنيۈەنمۇ ئوپېراتسىيە قىلىنغان، ئەھۋالى بىر قەدەر مۇقىم. ساۋ ئانا ھازىرغىچە ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتىدۇ.
ساقچى تەرەپ شۇ ئىشتىن كېيىن ساۋ يۈەنيۈەننىڭ 53 ياشلىق دادىسىنى ئىزدەپ تاپقان، ئۇمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، ئېغىر زەخمىلەنگەن. تېلېكامېرادا كۆرسىتىلىشىچە، ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساۋ فامىلىلىك بۇ بوۋاي پەقەتلا كالتە ئىشتان بىلەن كوچىدا پىيادە ماڭغان. ھازىر ئۇ ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، كېسەل ئۆيىگە يۆتكەلگەن. بىر نەچچە كۈنگىچە ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن.
مۇشۇ دېلوغا مەسئۇل ساقچى باشلىقى دېنكېن: «زادى كىم كىمگە ھۇجۇم قىلدى، كىم پىچاق ئىشلەتتى؟ بۇ تەكشۈرۈلىدىغان مۇھىم مەزمۇنغا تەۋە بولىدۇ. بىز تېخى جەزملەشتۈرەلمەيمىز، بىراق ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن قارىغاندا...بالىنىڭ چوڭ دادىسى بەلكىم باش جىنايەتچى بولۇشى مۇمكىن». دېدى. ھازىرچە گۇماندارنىڭ دېلو سادىر قىلىش مەقسىتى تېخى ئېنىق ئەمەس، ساقچى تەرەپنىڭ قارىشىچە، بەلكىم ئۇنىڭ نېرۋىسىدا چاتاق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ساۋ يۈەنيۈەننىڭ ئاتا ئانىسى جۇڭگودىن كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە بېرىشىدىكى سەۋەب نەۋرىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن. ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، ئۇلار تاكاللىشىپ قالغان. ساۋ يۈەنيۈەننىڭ ئېرى ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا سىرتتا خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، تاكى ساقچى تەرەپ ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئاندىن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved