چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رادىكال تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق كۈچلىرى 2-دېكابىر ئەڭ يېڭى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش سىنئالغۇ فىلىمىنى ئېلان قىلىپ بولۇپ، ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە: رادىكال تەشكىلات بىر رۇسىيەلىك تۇتقۇننىڭ كاللىسىنى ئالغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدە IS نى بومباردىمان قىلغانلىقىدىن ئۆچ ئالغان. ئەگەر بۇ سىنئالغۇ فىلىمىنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانسا، بۇ ھالدا بۇ تۇنجى رۇسىيە پۇقراسىنىڭ IS تەرىپىدىن كاللىسى ئېلىنغان ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىنئالغۇ فىلىمى ئىچىدە ئۈستىگە جۈمە رەڭلىك كىيىم كىيگەن بىر مەھبۇس ئەر كىشى رۇس تىلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رۇسىيە ئاخبارات تارماقلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جاسۇس ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ھەمدە سۈرىيەگە ئاخبارات توپلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. بۇ ئەر كۆل بويىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان، يېنىدا بولسا قولىغا پىچاق ئالغان بىر جاللات تۇرغان. بۇ جاللات روس تىلى ئارقىلىق موسكۋانى ئاگاھلاندۇرۇپ، IS نىڭ رۇسىيەنى مەغلۇب قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سالغان. بۇ تۇتقۇن سۈرىيەگە بېرىپ IS تەشكىلاتىغا قاتناشقان، كېيىن IS تەرىپىدىن رۇسىيە ئەۋەتكەن جاسۇس دەپ شىكايەت قىلىنغان.
رۇسىيە بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ سۇرىيەگە كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، بۇ ئارقىلىق سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ياردەم بەرگەن. 10-ئايدا رۇسىيەنىڭ كوگالىماۋىيا ناملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدا ئېتىپ چۈشۈرۋېتىلگەن بولۇپ، IS رادىكاللىرى بۇ ۋەقەنى بىر قوللۇق پىلانلىغانلىقىنى جاكارلىغان.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved