مىسىرنىڭ ياراشتۇرۇش ئارقىسىدا غەززەدە ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى شۇ جاينىڭ ۋاقتى 26-ئاۋغۇست سائەت 19 دا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. غەززە رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەر بەس-بەستە كوچىلارغا چىقىپ، ئاسان قولغا كەلمىگەن بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تەبرىكلىدى.
كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كىيىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز رازىۋىتكا ئايروپىلانى، تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززە رايونىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئايرىلدى، غەززەدىكى قوراللىق خادىملارمۇ ئىسرائىلىيەگە راكىتامىيوت قويۇپ بېرىشنى توختاتتى، سانسىزلىغان غەززەلىقلار كوچىلارغا چىقىپ، تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن 50 كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشنىڭ ئاخىرقى ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۆتكەن ئايدا غەززەگە قوزغىغان قوراللىق ھەرىكىتى 26-ئاۋغۇست 50-كۈنگە قەدەم قويدى، پەلەستىن تەرەپنىڭ ئىستاتېستىكا قىلىشىچە، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان توقۇنۇشتا 2 مىڭ 141 پەلەستىنلىك قازا قىلغان، ئىسرائىلىيە تەرەپتىن 69 كىشى قازا قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved